باش بەت

نۇسرەتگۈل

7740يوللانما
110مەستانە

توي مۇراسىمىغا قوي تۆگە ئېلىپ كېلىنگەن يېڭى كېلىنچەك ھاياجانلانغىنىدىن يىغلاپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:31 1 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدىكى تويى بولغان بىر جۈپ قىز-يىگىت نىكول (Nicole Tafoya) بىلەن كېيس (Keith Barrett) ۋىيومىڭ ئىشتاتىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ تۇرغاندا ئىككى قوي تۆگە ئېلىپ كېلىنگەن. بۇنىڭدىن قاتتىق ھاياجانلانغان يېڭى كېلىنچەك ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ۋارقىراپ كەتكەن. ئەسلىدە نىكولنىڭ ئاچىسى مەندى قوي تۆگىگە ئامراق سىڭلىسى ئۈچۈن مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق سوۋغا تەييارلىغانىكەن.

نىكولنىڭ ئاكىسى بىلەيك سىڭلىسىنىڭ خۇشال بولغان قىياپىتىنى تورغا توللىغاندىن كېيىن: «نىكولنىڭ قوي تۆگە شەكىللىك سومكىسى، قەلەم قاپچۇقى بار. ئۇ قوي تۆگىنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئۇ تويىدا قوي تۆگە بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، رەت قىلىنغانىدى» دېدى. توي مۇراسىمىدا قىز قولداش، يەنى نىكولنىڭ ئاچىسى مەندى ئككى قوي تۆگىنى يېتىلەپ كەلدى. يېڭى كېلىنچەك قوي تۆگىلەرنى كۆرۈپ دەسلەپتە قاتتىق ھاياجانلانغان بولسا بىردەمدىن كېيىنلا ئۇلارنى ئۈركۈتۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتۇۋالدى.

نىكول: «ئۇلار بەك سۆيۈملۈك ئىكەن. مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم» دېدى. تويى بولغان بۇ بىر جۈپ قىز-يىگىت مۇراسىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى قوي تۆگىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ŞAŞ2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان مىغىزلىق يىرى قىرىنداشلار ئوتتۇرسىدىكى مېھرى مۇھەببەت بولدى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号