باش بەت

ئىرپان

2283يوللانما
128مەستانە

​لېكساس ES ئاپتوموبىلىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە نۇسخىسى بازارغا سېلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:42 3 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 13-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لېكساس ئورگان تەرەپ يېقىندا جاكارلىشىچە، لېكساس ESنىڭ 30 يىللىق خاتىرە نۇسخىسى ES200 رەسىمىي بازارغا سېلىنغان، باھاسى 312 مىڭ يۈەن ئىكەن.

ھازىرقى نۇسخىسىدىكى ES 200 سەرخىللار نۇسخىسى ئاساسىدا ياسالغان، يەنىلا جەمەتلەشكەن ئۇرچۇقسىمان سالاسۇن لايىھەسى قوللىنىلغان، ئالدى تۇمان چىراغ بېزەك جىيىكى ۋە قۇيرۇق قانىتىنى خاسلاشقان ئىسلاپ بىر تەرەپ قىلغان، 30 يىللىق خاتىرە نۇسخىسىدىكى 17 ديۇملۇق چاق بۇلى سەپلەنگەن.

ئىچكى بېزەكتە گراف قوڭۇر رەڭلىك ئورۇندۇق قوللىنىلغان، ئالدى رەت ئورۇندۇق قىزىتىش، ئالدى رەت ئورۇندۇق شامال ئۆتۈشۈش، سىرت ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى ئاپتوماتىك قاتلاش قاتارلىق ئىقتىدارى بار، 30 يىللىق خاتىرە نۇسخىسىدىكى ئىزنەك كۆپەيتىلگەن.

2.0Lلىق ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 167 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 199 نيۇتون مېتىر، 6 خوتلۇق قول-ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 187******602 ئاي ئىلگىرى

    ئەرزان ئىكەن ،ھەم كۆركەم

  • پىنھان2 ئاي ئىلگىرى

    بەك چىرايلىقكەن كىيىنچە بىر نى ئېپ ھەيدىسەم بوغۇدەك ئەرزان سېتىۋاتقان چاغدا

  • دېڭىز2 ئاي ئىلگىرى

    موشۇ لىكساس ماشىنىغا بەك ئاشىقمەن بىراق ئەپسۇس ئالاي دىسەم پۇلام يوق ،بولدىلا ۋىلىسپىتىمنى مىنىپ تۇراي،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号