باش بەت

نۇسرەتگۈل

6529يوللانما
56مەستانە

ئافغانىستانلىق تۇغما يۈرەك كېسىلى بالىلار شىنجاڭدا ئوپېراتسىيەسىنى تۈگىتىپ، دۆلىتىگە ئامان-ئېسەن قايتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 11:38 15 ئىنكاس چۈشتى

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: (ئۆز مۇخبىرىمىز ۋاڭ نا خەۋىرى، فوتوسى) 13-سېنتەبىر، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا تۇغما يۈرەك كېسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلغان ئافغانىستانلىق كىچىك بىمارلار مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى ئۆزلىرىگە ئىزچىل غەمخورلۇق قىلغان تىببىي خادىملارنى چىڭ قۇچاقلاپ، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، دۆلىتىگە قاراپ يول ئالدى. 

بۇ نۆۋەت دۆلىتىگە قايتىدىغان ئافغانىستانلىق كىچىك بىمار جەمئىي 12 نەپەر، ئۇلارغا بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تۇغما يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بولۇپ، 13-سېنتەبىر ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۇلار جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ «يىپەك يولى» مېھرىبانلىق فوندى «پەرىشتىلەر سەپىرى ــ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە قۇتقۇزۇش پىلانى» بويىچە شىنجاڭغا داۋالانغىلى كەلگەن.

ئافغانىستان قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ دۆلەتتە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىدىن 7000ى بار ئىكەن. «پەرىشتىلەر سەپىرى ــ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە قۇتقۇزۇش پىلانى»دا، بىرىنچى باسقۇچتا نۆل ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان 100 بالا داۋالاپ قۇتقۇزۇلىدىكەن. 26-ئاۋغۇست، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تۈر خادىملىرى بىرلىكتە داۋالاش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى خان جەمەتى دوختۇرخانىسىدا تۇغما يۈرەك كېسىلى بالىلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارغان. 30-سېنتەبىر، داۋالاش ئۆمىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 21 بالىنى ئۈرۈمچىگە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا ھەقسىز ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن.

بالىلار كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، دوختۇرخانا بالىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ باھالىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۈچ بالا ئوپېراتسىيە قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمىگەن، بىر بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك بولغاچقا، ئوپېراتسىيە قىلىنمىغان، يەنە بىر بالىغا نىسىبەتەن ئاددىي بولغان ئوپېراتسىيە ــ ۋاسىتىلىك توسۇش تېخنىكىسى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ بەش بالا بىر ھەپتىدىن كېيىن دۆلىتىگە ئامان-ئېسەن قايتقان، باشقا بالىلار 4-سېنتەبىردىن بۇرۇن ئوپېراتسىيە قىلىنغان. كېيىنكى چارشەنبە، ئەڭ ئاخىرقى تۆت بالىمۇ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىدىكەن.

بالىلار دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا دوختۇرلار ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش بويىچە داۋالىنىشىنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ئىككى نۇسخىدا يېزىلغان چۈشەندۈرۈشنى تارقىتىپ بەردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىمۇ ھەر بىر بالىغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى، تەنتەربىيە سايمانلىرى سېلىنغان «ئېنېرگىيە سومكىسى» سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ساغلام چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-09/14/content_619397.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
  • شەبنەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    دۇنيا مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەل مەن بەك تەسىرلەندىم كۆزلىرىمگە ياش كەلدى ھەرمىللەت خەلقى بىر ېرىنداش

  • 152******111 ھەپتە ئىلگىرى

    دۆلىتىمىز ھەقىقەتەن مھرىبان ياشا جۇڭگۇ

  • 135******931 ھەپتە ئىلگىرى

    كاللىسىدىن كەتكەن ئالىجوقا بىر نىمىكەن بۇ. قايسىبىر تېمىنى ئۇقۇپ ئاستىدىكى ئىنكاسقا قارسام يەنە مۇشۇ نېرۋا كىسەلنىڭ سامسۇڭنى ماخىتىغان ئىنكاسى. ..ساراڭنىڭ بىر قىلىقى ئارتۇق دىگەننى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم...توۋا

  • سەرۋى1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۈرخان بىلەن ھىچقايسمىزنڭ كارىمىز بولمىسا ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ......

  • 0998:531 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇمۇت نۇرداشنىڭ بەرگەن باھاسى ناھايىتى ئۇرۇنلۇق بۇپتۇ مىھرى مۇھەببەت ھەممىزنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئالسۇن

  • يېشىل قارىغاي.1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئافغانىستاندىن كەلگەن بۇ بالىلار بەلكىم يېتىم بالىلار بولۇشى مۇمكىن.يېتىم بالىلارغا يەتكۈزۈلگەن بۇ مېھرى مۇھەببەت سەمىمىي غەمخورلۇق پەقەت ئالىيجاناب كىشىلەرنىڭ قولىدىنلا كېلىدۇ.مۇشۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغان دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئوپېراتسىيە جەريانىدا جاپا چەككەن دوختۇر سېستىرالارغا كۆپ تەشەككۈر.ئوپېراتسىيىدىن ساق سالامەت چىقىپ يۇرتىغا قايتقان ئاشۇ بالىلارغا مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىك تىلەيمەن.

  • يارقىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ما سۈرخان دىگەن گۇي كاللىسىدىن كەتكەن بىر نىمىمۇ ھە بۇنى ئازراق ئۆزگەرتىش كىرەككەن ئەسلى

  • ھۇررا1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىسىل ئىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىي

  • ساا1 ھەپتە ئىلگىرى

    دەلتە ساراڭ سۈرخان، ماندا ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىسىغىمۇ سېسىق سامسۇڭنى ئەكەپ نىم قىلىسە، دۆلەت تەرەققى قىلسا ياخشى مانا مۇشۇنداق، دۆلىتىمىز ئەكىلىپ ھەقسىز داۋالىدى، ئېسسسىل…

  • ئېسىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياشىسۇن جۇڭگو نىمىدىگەن ئېسىل

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号