باش بەت

زىيارەت

646يوللانما
4مەستانە

پۇتبول دۇنياسىدا بۇ يىللىق يازلىق يۆتكىلىش بازىرىغا سېلىنغان مەبلەغ 3 مىليارد 500 مىليون فوندسىتېرلىڭغا يەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 13:21 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ «بەش چوڭ بىرلەشمە يۆتكىلىش بازىرى ھەققىدە مۇھاكىمە» تەتقىقات دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى بۇ يىللىق يازلىق يۆتكىلىش بازىرىغا سېلىنغان مەبلەغ 4 مىليارد 710 مىليون ئامېرىكا دوللىرى(3 مىليارد 500 مىليون فوندستېرلىڭ)غا يەتكەن، باشقا ھەر قايسى بىرلەشمە كۇلۇبلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئېنگلاند بىرلەشمىسى كۇلۇبلىرىنىڭ ماھىر قوشۇۋىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن مەبلىغى باشقا ھەر قانداق بىرلەشمە كۇلۇبلىرىنىڭ مەبلىغىدىن 2 ھەسسىدىن كۆپرەك ئارتۇق كېلىدىكەن.

بۇ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسېتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە 7590 قېتىم يۆتكىلىش سودىسى تاماملانغان، يۆتكىلىش سودىسىغا سېلىنغان مەبلەغ ئۆتكەن يىلىدىكى 4 مىليارد 790 مىليون ئامېرىكا دوللىرى(3 مىليارد 610 مىليون فوندستېرلىڭ)غا سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرىدىكى پەرق بەك چوڭ بولۇپ كەتمىگەن.

ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە بۇلار ئىچىدىكى ئاساسلىق رول ئوينىغان دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار يۆتكىلىش بازىرىدىن %21.2 كىرىمگە ئىگە بولغان، ئەمما ئۇلارنىڭ يۆتكىلىش بازىرىغا سالغان مەبلىغى بولسا ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %77.9 نى ئىگىلىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号