باش بەت

نۇسرەتگۈل

6597يوللانما
60مەستانە

ئەنگلىيەلىك ئاتا-ئانا بالىلىرىنى ياۋايى ئادەملەرگە ئوخشاش تەربىيەلىمەكچى بولدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:10 3 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيەنىڭ شەرقىدىكى ئېسسېكس ۋىلايىتىدە تۇرىدىغان مات بىلەن ئادېلې «تەبىئىي فائۇۋىزم» مائارىپ قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولغاچقا بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتماي، ئاياغ كىيدۈرمەيدۇ، ئۇلارنى خۇددى ياۋايى ھايۋاناتلارغا ئوخشاش چەكلىمىسىز تۇرمۇش كەچۈرگۈزۈشنى ئويلايدۇ.

ئۇلارنىڭ 6 ياشلىق ئوغلى ھېلىھەم ئېمىدۇ، بىر ياشلىق قىزى خالىغان يېرىگە كىچىك تەرەت قىلىدۇ. بۇ ئەر-ئايال يەنە بالىلىرى ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارماستىن، تەبىئىي يېمەكلىك، مەسىلەن لىمون سۈيى دېگەندەكلەر بىلەن داۋالايدۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ بالىلىرى گەپ قىلالمايدۇ، ھايۋاناتلارغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدۇ.

2016-يىلى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاڭلىتىش زالىدا زىيارەت قىلىنغاندا ئىككى بالىنىڭ قىلىقلىرى تاماشىبىنلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى: ئۇلار بۇ جايدا خالىغانچە ھەرخىل ئاۋازلارنى چىقارغاندىن باشقا، يەنە ئاڭلىتىش زالىنىڭ پولىغا كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى. بەزى تاماشىبىنلار بۇ ئىككى بالىنى «ياۋايى ھەم كونتروللۇقىنى يوقىتىپتۇ» دېيىشتى.

ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قارىشى قوشنىلىرىنىمۇ قورقۇتۇۋەتتى. بالىلارنىڭ ئانىسى ئادېلې يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە قوشنىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن كۆچۈپ كېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بەزى قوشنىلار ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەمدە بىز كارىدورغا قويۇۋالغان بوۋاقلار ھارۋىسىدىن ئەنسىرەپ بىزنى قوغلاۋاتىدۇ» دېدى.

بالىلارنىڭ دادىسى مات: «ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى بولىدۇ. بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز گەرچە بىر قىسىم كىشىلەرنى قورقۇتقان بولسىمۇ، ئەمما بىز بۇ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرماقچى» دېدى.

بۇ ئائىلىدىكىلەر 2016-يىلى توردا ئىئانە توپلاپ كوستارىكاغا بېرىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىماقچى بولغانىدى. بىراق، ئۇلارنىڭ 100 مىڭ فوندستېرلىڭ ئىئانە توپلىماقچى بولغانلىقى ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 155******981 ھەپتە ئىلگىرى

    ساراڭ ئادەملەكەن بۇ

  • نازى1 ھەپتە ئىلگىرى

    باشقا يېرىغۇ مەيلى گەپ قىلىشنى ئۆگەتمىگىنى بولماپتۇ، بۇ بالىلار چوڭ بولسا ئاتا ئانىسىدىن خوش بولىشى ناتايىن،

  • 159******621 ھەپتە ئىلگىرى

    توۋا ئاجايىپ ئادەملەر با جۇمۇ دۇنيادا بىز باللىرىمىزنى مەدىنىيەتلىك ساپالىق تەربىيلەشنىڭ كۇيىدا بىراق ئاۋۇ ئادەملەر باللىرىنى ياۋايىلاشتۇرامماي ئاۋارە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号