باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى Face IDنىڭ بىخەتەرلىكىدىن گۇمانلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:24 1 ئىنكاس چۈشتى

ئالما تۈنۈگۈن سەھەردە چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى Face ID سەپلەنگەن يېڭى بايراقدار يانفون iPhone Xنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فىرانكېن (Al Franken) ئالما CEOسى تىم كۇكقا بىر پارچە خەت يېزىپ، شەخسىيەت ۋە بىخەتەرلىككە تاقىلىىدىغان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

Face ID ئادەم يۈزىنىڭ 3D تەسۋىرىنى سىيرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق يۈز قىسمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى پەرقلەندۈرىدۇ ھەمدە كىملىكنى پەرقلەندۈرىدىغان ۋە قۇلۇپ ئاچىدىغان رەقەملىك مودېلغا ئايلاندۇرىدۇ. ئالمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Face ID ئىلگىرىكى Touch IDغا ئوخشاش Secure Enclave مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن، بارلىق سانلىق مەلۇماتلار ئۈسكۈنىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن، بۇلۇت بوشلۇقىغا يوللانمايدىكەن. ئۇندىن باشقا، ئالما شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Face IDنى رەسىم، گىرىم ياكى نىقاب ئالدىيالمايدىكەن.

فىرانكېن خېتىدە ئالمىنىڭ كەلگۈسىدىكى يۈز قىسمى پەرقلەندۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى قانداق ئىشلىتىش پىلانى ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ Face ID سانلىق مەلۇماتلىرى جەھەتتىكى تەلىپىگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقى جەھەتلەردىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۆۋەندىكىسى فىرانكېن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر:

◇ ئالما Face ID سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۈسكۈنىلەردىن ئاجرىتىپ ئالامدۇ يوق؟ ئالما Face ID سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىراق مۇساپىلىق ساقلامدۇ؟ ئالمىنىڭ Face IDدىن سىرت چىراي پەرقلەندۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى باشقا جەھەتلەرگە ئىشلىتىش پىلانى بارمۇ؟ 

◇ 100 مىليون پارچە Face IDنى مەشىقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلگەن سۈرەت قەيەردىن كەلگەن؟ مەزكۇر شىركەت قايسى قەدەم-باسقۇچلار ئارقىلىق سىستېمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى يۈزلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؟

◇ ئالما ئۈسكۈنىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىشقا ئىشلەتكەن ئەسلى سۈرەتنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ئالما ئۈسكۈنە ئىگىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ يۈزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ساقلاپ قالامدۇ؟ 

◇ ئالما قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ ئۈسكۈنىنى ئۈسكۈنە ئىگىسىنىڭ يۈزىگە توغرىلاپ iPhone Xنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؟ ئۇ ئابۇنتنىڭ يۈزى، سۈرەت ۋە نىقابنى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ؟ 

◇ ئالما قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ Face ID سانلىق مەلۇمات تەلىپىگە قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟


تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئالما ئەينى يىلى Touch IDنى ئېلان قىلغاندىمۇ فىرانكېن ئالمىغا ئوخشاش بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ، ئالمىدىن Touch IDنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەخمۇتجان @5 كۈن ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنىڭ داۋامى بۇلسا يۇللاپ قۇيۇڭلا .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号