باش بەت

ئابدۇجېلىل سەمەت

73يوللانما
0مەستانە

زاۋجۇاڭدا 37 مېتىرلىق يۈك ماشىنىسى قولغا چۈشتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:45 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇخبىرنىڭ 13–چېسلا كەچتە زاۋجۇاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش-چارلاش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8–چېسلا كەچتە زاۋجۇاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش-چارلاش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە چارلاش باش ئەترىتى قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ ياسالغان ئالاھىدە ئۇزۇن ماشىنىدىن بىرنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، قاتناش ساقچىلىرى ئۇنى 40 مېتىر دەپ مۆلچەرلىگەن.

نۆۋەتچى ساقچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇنداق ماشىنىلار ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز ئۇزارتىلغان بولغاچقا، ئەگىلگەندە بىخەتەرلىك خەۋپى پەيدا قىلىدىكەن. ئادەتتىكى يوللاردا ئەگىلەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، قارىغۇ بۇلۇڭلارنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ ماشىنىنى قاتناش ساقچى تارماقلىرى يېقىن ئەتراپتىكى ماشىنا توختالغۇسىدا ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى دەلىللەپ، بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، شوپۇرغا تېگىشلىك جازا قوللىنىپ ۋە ماشىنىنىڭ ئارتۇق قوشۇلغان قىسمىنى ئېلىۋېتىپ ئاندىن قويۇۋېتىدىكەن.  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号