باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

3-ئەۋلاد ئالما قول سائىتىدە تېلېفون ئۇرغىلى بولىدۇ، ئەمما توكى بىر سائەتلا يېتىدۇ

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 15:35 6 ئىنكاس چۈشتى

سىنا پەن-تېخنىكىسىنىڭ 14-چېسلا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

12-سېنتەبىر كەچتىكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جېف ۋىليامىس 3-ئەۋلاد ئالما ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى Apple Watch Series 3نى ئېلان قىلدى، ئۇنى كۆچمە تورغا ئۇلاشقا بولىدىغان بولۇپ، شۇ چاغدا ۋىليامىس: «بۇنىڭ توكى 18 سائەت يېتىدۇ» دېدى. ئالمىنىڭ مەھسۇلات تور بېتىدە دېيىلىشىچە، بۇ قول سائىتىنىڭ توكى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا راستتىنلا 18 سائەت يېتىدىكەن، كۆچمە تورغا ئۇلانمايدىغان نۇسخىسىنىڭ توكى بولسا بىر كۈن يېتىدىكەن، بۇ بۇلتۇرقى بىرىنچى ئەۋلاد ئالما سائىتىدىن پەرقلەنمەيدۇ، پەقەت 1-ئەۋلاد سائەتنىڭ CPUسى سەل ئاستىراق خالاس.

ۋاھالەنكى، توكى 18 سائەت پايلاشنىڭ بىر شەرتى بار، پەقەت «بەزىدە» ئىشلەتكەندىلا ئاندىن بۇ نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغاندا ئىشلىتىش ۋاقتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. مەسىلەن سائەت ئۆزىدىكى ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى قويغاندا توك ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 سائەت، يۈرەك كۆزەتكۈچىنى ئېچىپ بەدەن چېنىقتۇرغاندا 10 سائەت، يۈرەك كۆزەتكۈچ بىلەن GPSنى ئېچىپ بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئاران 5 سائەت يېتىدۇ، يۈرەك كۆزەتكۈچ، GPS، LTEنى ئېچىپ بەدەن چېنىقتۇرغاندا توك ئاران 4 سائەتلا يېتىدۇ، كۆك چىشنى ئېچىپ تېلېفونلاشقاندا بولسا توك ئاران 3 سائەتلا يېتىدۇ، LTE تېلېفونى ئۇرغاندا توك ئاران بىر سائەتتىن كۆپرەك پايلايدۇ.

يېڭى قول سائىتىنى iPhoneغا سىملىق ئۇلىماي تۇرۇپمۇ تېلېفون قىلغىلى بولىدۇ، يېڭى ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭمۇ بەدىلى بار، توكى ناھايىتى تېز خورايدۇ. بۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، بىراق بۇمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئالما بۇلتۇر بازارغا سالغان 2-ئەۋلاد قول سائىتىنىڭ GPS ئىقتىدارى ئېچىلسا توكى ئوخشاشلا ناھايىتى تېز خورايتتى.

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىسران5 كۈن ئىلگىرى

    ئۇنداقتا يېڭىلىمايلا ئىشلىتىۋېرەي

  • ئېسىل5 كۈن ئىلگىرى

    ماۋۇ سۈرخاندىن ئىككىسى باناشىپتۇ قايسىسى راس قايسىسى يالغاندۇ خا خا

  • راۋان5 كۈن ئىلگىرى

    بىر گەپ قىلاي مەن ئالما بىر دىن يەتىگىچە ئىشلەتتىم تېلېفونغا تۇنجى نەشىردىكى سېتىمىسىغا يەتمەيدۇ ئەڭ ياخشىسى يېڭىلىماي ئىشلەتكەن ياخشى بۇ ئالما شىركىتىنىڭ ھىلىسى يېڭلاۋەسە تېلېفون ئاستىلايدۇ ئاندىن يەنە يېڭى تېلېفون ئالىسىز دىگەن گەپ

  • سۈرخان6 كۈن ئىلگىرى

    تولا نامىمنى ساتمىڭە ساختا سۈرخان سامسوڭ بەك ياخشى

  • سۈرخان6 كۈن ئىلگىرى

    بۇنداق پۇچۇق ئالمىدىن يەنىلا سامسۇڭنىڭ قول سائىتى ياخشى

  • مىسران6 كۈن ئىلگىرى

    تۇكى تۇرمىغان نەرسىنى قايسىڭلا ئالما 7نى ios11گە يېڭىلاپ باقتىڭلا ، ئېغىرلاپ قالامدىكەن، توك يىتىش ئەھۋالى قانددقراقكەن ، تەپسىلى دىسەڭلا سىناپ باقسام بۇلاتتى ھازىرقى نەشىرى 10.2

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号