باش بەت

نۇسرەتگۈل

7271يوللانما
222مەستانە

ياپونىيەدىكى بىر ئەرمەك قوڭغۇز سىزغان رەسىم 9800 يۈەنگە سېتىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 13:00 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىرقى زامان كىشىلىرى پولات-تۆمۈر ئورمانلىقىغا ئوخشاش شەھەرلەردە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، مۈشۈك، ئىت دېگەندەك ھەرخىل ھايۋاناتلارنى ئەرمەك قىلىۋالىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى بار بولۇپ، بىر قىسىم غەلىتە كىچىك ھايۋاناتلارنى ئەرمەك قىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى Boredpanda تور بېكىتىدە ياپونىيەدىكى بىر ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سىپايك (Spike) ئىسىملىك قارا قوڭغۇزنى ئەرمەك قىلىۋالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ياپونىيەدە نۇرغۇن ئادەم قوڭغۇزنى ئەرمەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار قوڭغۇزنى باتۇرلۇقنىڭ سىموۋولى دەپ قارايدۇ. بۇ نۇقتا ياپونىيەنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىدىكى سامۇرايلارنىڭ دۇبۇلغىلىرىنىڭ شەكلىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. قوڭغۇزلارنىڭ قىسىش كۈچى ناھايىتى يۇقىرى. بىراق، سىپايك ئەزەلدىن قىسقۇچلىرىنى باشقىلارغا قارىتىپ شىلتىمەستىن، بەلكى ئۇنى رەسىم سىزىشقا ئىشلىتىدۇ. بىراق، سىپايكنىڭ «كۆرۈمسىز» رەسىملىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، سىپايكنىڭ رەسىملىرى ناھايىتى بازارلىق بولۇپ، ئىلگىرى بىر پارچە رەسىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1500 ئامېرىكا دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 9800 يۈەن) سېتىلغان.

سىپايكنىڭ ئۆزىنىڭ تاماق ئۈستىلى، ئورۇندۇقى بار، ھەتتا مەخسۇس قاچا-قۇچىسى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ ئورۇندۇقىدا مۆتىۋەرلەرچە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە ئامراق بولغاندىن باشقا، يەنە يەردە يېتىۋېلىپ قۇياش نۇرىدىن ھوزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

سىپايكنىڭ غوجايىنى يەنە ئۇنىڭغا مەخسۇس ھالرەڭ كىرىسلو ياسىتىپ بەردى. ئۇنىڭ يەنە چوڭلۇقى ئۆزى بىلەن ئوخشاش كېلىپ قالىدىغان نۇرغۇن ئويۇنچۇقلىرى بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号