باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

چاڭچېڭ خۇاگۇەن K50 ئاپتوموبىلى كېلەر يىلى 6-ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 13:07 5 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 14-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە، چاڭچېڭ خۇاگۇەن چيەنتۇ ئاپتوموبىلچىلىقى قارمىقىدىكى تۇنجى توكلۇق ئاپتوموبىل چيەنتۇ K50 ئاپتوموبىلى 2017-يىلى يىل ئاخىرىدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن ھەمدە كېلەر يىلى 6-ئايدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. شىركەت 2020-يىلى بۇ ماشىنىدىن 100 مىڭ دانە سېتىشنى پىلانلىدى.

چيەنتۇ ئاپتوموبىلى جۇڭگودىكى داڭلىق ماركىلىق ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىسى بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن 2014-يىلىدىكى بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە چاڭچېڭ خۇاگۇەن سالاھىيىتىدە چيەنتۇ ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ تۇنجى ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلغان، چيەنتۇ ئاپتوموبىلچىلىقى (سۇجۇ) چەكلىك شىركىتى 2016-يىلى 10-ئايدا يېڭى ئېنىرگىيەلىك يولۇچى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 2016-يىللىق بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە تۇنجى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىلى چيەنتۇ K50نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان، بۇ ماشىنىغا ئەنئەنىۋى ئوتتۇرا ماتورلۇق سىپورت ئاپتوموبىلىنىڭ گەۋدە نىسبىتى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ماشىنا گەۋدىسى ئاليۇمىن ۋە كاربون تالالىق ماتېرىيالدىن ياسالغان. 

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە بۇ ماشىنىغا ساپ توكلۇق ھەرىكەت كۈچى ئىشلىتىلگەن، ئالدى-ئارقا كۆۋرۈككە جايلاشتۇرۇلغان ئىككى دانە ماتور تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىۋېرسال ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 408 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 650N·m. ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ماشىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى 300kmدىن ئاشىدۇ، 100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 4.6 سېكۇنت، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 200km/hتىن ئاشىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • Tesla2 ئاي ئىلگىرى

    چاڭچېڭ تەرەققى قىلۋاتىدۇ جۇمۇ
    خاۋالنى چىقاردى
    ھەشەمەت ماركىسى ۋېي نىمۇ چىقاردى
    ئەمدە چىەنتۇنى چىقىرىپتۇ
    باھاسى مۇۋاپىق بولسا بىرەنى ئېپ قوللاپ قويمىسام

  • ئەلىي2 ئاي ئىلگىرى

    مەنچە بەك ئەرزان چىقمۇغۇدەك ،،،،،

  • نۇرداش2 ئاي ئىلگىرى

    يۇرۇش مۇساپىسى ئازكەنغۇ پۇلى قانچىدۇ؟

  • ساراڭلا بەگەن خەۋەر2 ئاي ئىلگىرى

    باھاسى يوقمىكەن،نىمانداق ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى ئۆرلىتىدۇ

  • بارسىلونا ئاتۇش2 ئاي ئىلگىرى

    توك بىلەن شۇنچىۋالا ماڭامۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号