باش بەت

ئىرپان

2283يوللانما
128مەستانە

خوندا سىۋىك ​Silver Line ئاپتوموبىلى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:45 5 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 13-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017-يىللىق فرانكىفورت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، خوندا سىۋىك Silver Line ماشىنا تىپى رەسىمىي نامايان بولدى، يېڭى ئاپتوموبىل سىۋىكنىڭ ئىككى كوزۇپلۇق نۇسخىسى ئاساسىدا تاشقى قىياپەت جەھەتتە سەپلىمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قىلغان.

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى بىخەتەرلىك لىمى ۋە يان ئېتەكتە كۈمۈش رەڭلىك بېزەك كۆپەيتىلگەن، بىرلا ۋاقىتتا سىرت ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىمۇ كۈمۈش رەڭلىك لايىھە قوللانغان.

ئىچكى بېزەكتە پۈتۈن قارا لايىھە قوللىنىلغان، بىرلا ۋاقىتتا يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ مۇفتى، تورمۇزى ۋە ماي پېدالىدا خىروم يالىتىلغان بېزەك ئىشلىتىلگەن.

سەپلىمە جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا كۆپ ئىقتىدارلىق رول، بىر كۇنۇپكىدا قوزغىتىش، ئۆز ماسلاشما ئاسما جازا سىستېمىسى، سىرت ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى قىزىتىش، ئالدى رەت ئورۇندۇقنى قىزىتىش قاتارلىقلار سەپلەنگەن.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا 1.0Tلىق ئۈچ سىلىندىرلىق ۋە 1.5T VTEC تۆت سىلىندىرلىق ئىككى خىل ماتور تەمىنلىنىدۇ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 129 ئات كۈچى ۋە 183 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 200 نيۇتون مېتىر ۋە 260 نيۇتون مېتىر. ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىدا 6 خوتلۇق قول خوت ياكى CVT تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Marco2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاۋۇت بۇرادەر 1.5T غا قانداراق باھا بېرىسىز

  • شاش بالا2 ئاي ئىلگىرى

    قانداقلا قارىسا بەك پەيزى . 10-ئەۋلاتمۇ شۇ ،

  • ئاۋۇت2 ئاي ئىلگىرى

    ناھايتىمۇ تاينى يوق 1.0Tدەپ تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ ئورنتىپ قويغىنى قىزىق بۇ ماتۇرنىڭ ماشىنى ھەيدەپ 5 يىل ئىچدىلا ياكى 70000مىڭنى ماڭا ماڭمايلا كاردىن چىقىدىغىنغا ئىشىنمەن ناھايتىمۇ تاينى يوق گاز چىقىرىش مىقدارى بەكلا تۈۋەن تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ ئورنىتلغان ماتۇرلاردا ئاسان كاشلا كۆرۈلدۇ 1.0لىك بەك ئۇزاق بەرداشلىق بېرىپ كىتشى ناتايىن .!!!!!!!؟؟؟

  • 133******882 ئاي ئىلگىرى

    بۇپ قۇيامدۇ قارىسام خېلى چىرايلىقكەن

  • سالچى2 ئاي ئىلگىرى

    باھاسىنى يازماپتىغۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号