باش بەت

Apple

80يوللانما
6مەستانە

ئەلى بابانىڭ بازار قىممىتى تۇنجى قېتىم 450 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ رېكورت ياراتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 17:58 0 ئىنكاس چۈشتى

Techweb تورى 13-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەلى بابانىڭ پايچېكى باھاسى بىر ھەسسە ئۆسۈپ، 13-سېنتەبىر يەنە بىر قېتىم تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە، يەنى 179.1 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئەلى بابانىڭ بازار قىممىتى تۇنجى قېتىم 450 مىلياردلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ئەلى بابا پاي چېكى باھاسى

13-سېنتەبىر ئامېرىكا پاي بازىرى يېپىلغان چاغدا ئەلى بابا پاي چېكى باھاسى 178.97 دوللىرىغا چىققان. ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى 175.31 ئامېرىكا دوللىرىغا سېلىشتۇرغاندا 3.66 دوللار ئاشقان، ئۆسۈش نىسبىتى %2.09 بولغان.

گەرچە 13-سېنتەبىردىكى پاي بازىرىدا ئەلى بابانىڭ پېيى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 179.1 دوللار بولغان بولسىمۇ، بازار يېپىلغاندا 178.97 دوللىرى بولغان. بۇ ئەلى بابانىڭ 2014-يىلىدىكى IPOدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى چېكى ھېسابلىنىدۇ، ئالدىنقى قېتىملىقى مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى بازار يېپىلىش باھاسى 175.31 دوللار بولغان، ئەمما ئالدىنقى ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 24-ئاۋغۇستدىكى 177 دوللار ئىدى. 

پاي باھاسى يېڭى رېكورتى يارىتىلغاندىن كېيىن، ئەلى بابا شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى سۇ ئۇلغايسا كېمە كۆتۈرۈلگەندەك يۇقىرلىغان، 13-چېسلا بازار يېپىلغاندىكى باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەلى بابا شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى 452 مىليارد 700 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلەپ، تۇنجى قېتىم 450 مىليارد دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号