باش بەت

نۇسرەتگۈل

6498يوللانما
55مەستانە

دۇنيادىكى %3 ئادەملا قىلالايدىغان 9 ئىقتىدار: سىز 3تىن ئاشالامسىز؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 17:30 37 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشى تولىمۇ غەلىتە ھەم مۇرەككەپ. بەزىدە ئاددىي بىر ھەرىكەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن بوغۇملار ھەرىكەتلىنىشى كېرەك. تۆۋەندە بىز ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قىلىشى تەس بولغان 9 تۈرلۈك ھەرىكەتنى تونۇشتۇرىمىز. ناۋادا بۇلارنىڭ ئۈچىدىن ئارتۇقىنى قىلالىسىڭىز دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەم بولىسىز! سىناپ بېقىپ ئىنكاس قالدۇرۇڭ.

1. بىر قېشىنى ئېتىش.

ناۋادا سىز بۇ ھەرىكەتنى مەشىق قىلماقچى بولسىڭىز، بىر قېشىڭىزنى قولىڭىز بىلەن بېسىۋېلىپ ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. بىر قېشىڭىزنىڭ مۇسكۇلى ھەرىكەتلەنگەندە بىر قاشنى ئېتىش ھەرىكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان بولىسىز.

2. قول-پۇتنى ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشتە ھەرىكەتلەندۈرۈش.

ئوڭ پۇتىڭىزنى سائەت ئىستېرىلكىسى بويىچە، ئوڭ قولىڭىزنى سائەت ئىستېرىلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە چەمبەر شەكلىدە ئايلاندۇرۇپ بېقىڭ. بۇ ھەرىكەتنى نۇرغۇن ئادەم قىلالمايدۇ. ئادەتتە، كىشىلەر قول-پۇتىنى ئوخشاش يۆنىلىشتە ھەرىكەتلەندۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولىدۇ.

3. تىلنى بۇرۇن ياكى ئېڭەككە تەگكۈزۈش.

بۇ ھەرىكەتنى دۇنيادا پەقەت %10 ئادەملا قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىقتىدارنى مەشىق قىلىش ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. تىلىڭىزنى چىقىرىپ يۆنىلىشىنى توغرىلىۋالغاندىن كېيىن سوزۇپ سىناپ بېقىڭ. مەغلۇب بولسىڭىز ھېچقىسى يوق.

4. نەپسىنى قىسىپ تۇرۇش.

نەپسىنى قىسىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆلۈۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. نەپسىڭىزنى كونترول قىىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە بەدىنىڭىز بەرداشلىق بېرىپ بولالماي ھوشىڭىزدىن كېتىسىز. شۇنىڭ بىلەن نورمال نەپەسلىنىشىڭىز ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ.

5. نامسىز بارماقنى مىدىرلىتىش.

ئوتتۇرا بارماقنى ئېگىپ ئۈستەلنى بېسىپ تۇرغاندا باش بارماق، بېگىز بارماق ۋە چىمچىلاق بارماقلارنى بىمالال ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. بىراق، نامسىز بارماقنى مىدىرلاتقىلى بولمايدۇ. بۇ باشقا بارماقلارنىڭ مۇسكۇل پېيى مۇستەقىل، ئوتتۇرا بارماق بىلەن نامسىز بارماقنىڭ ئۆز-ئارا تۇتىشىدىغانلىقىدىن بولغان.

6. تىلنى جەينەككە تەگكۈزۈش.

%99 ئادەم تىلىنى جەينىكىگە تەگكۈزەلمەيدۇ. بىراق، بۇ ئىقتىدارنىمۇ مەشىق ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

7. قۇلىقىنى مىدىرلىتىش.

ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار بىلەن ھايۋاناتلارنىڭ ھەرىكەتچان قۇلاق مۇسكۇلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مۇسكۇلى بولىدۇ. بىراق، ئىنسانلارنىڭ بۇ مۇسكۇلىنىڭ ئىقتىدارى بارا-بارا چېكىنىپ كەتكەن. سىز ئاۋۋال ئاشۇ مۇسكۇلنىڭ ئورنىنى تېپىپ ئاغزىڭىزنى ئېچىپ چىشىڭىزنى مىدىرلىتىش ئارقىلىق مۇسكۇلىڭىزنىڭ ھەرىكەتلەنگەن، ھەرىكەتلەنمىگەنلىكىنى كۆزەتسىڭىز بولىدۇ.

8. تىل قايرىش.

تىل قايرىش ئىقتىدارىنى ئېرسىيەت بەلگىلەيدۇ. بەزىلەر تۇغما مۇسكۇل توقۇلمىسى ئارقىلىق تىلىنى ئالاھىدە شەكىلگە كەلتۈرەلەيدۇ. بىراق، بەزىلەر ئۇنداق قىلالمايدۇ.

9. ئۆزىنى غىدىقلاش.

باشقىلار غىدىقلىسا ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، ئۆزىڭىز غىدىقلىسىڭىز ئۇنداق بولمايدۇ. چۈنكى يەككە تەننىڭ غىدىقلاشقا بولغان تونۇشى ئوخشاش بولمىغاچقا پەيدا بولىدىغان ئىنكاسمۇ پەرقلىق بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تىمتاس5 كۈن ئىلگىرى

    مەن بىر قېشىمنى ئاتالايمەن ، قۇلقۇمنى مىدىرلىتالايمەن، ئوتتۇرا بارماقنى ئۇستەلگە تىرەپ قۇيۇپ باشقىلىرنى خالىغانچە مىدىرلىتالايمەن، تىلىمنى ھەرخىل قىلالايمەن، تىلىمنى جەينىكىمگە تەككۈزەلەيمەن ، ئۆزنى غىدىقلاشمۇ ئىقتىدارمۇ ئەمدى، ئۇنداق قىلغان بىلەن كۈلگۈسى كەممەيدىكەن ئادەمنىڭ ئۆزى قىلسا

  • قاۋۇل5 كۈن ئىلگىرى

    كىم ؟بۇرنىنى مىدىرتالايدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟

  • قارلىغاچ5 كۈن ئىلگىرى

    مەن نەپەس ئالماي ئايلىنىپ كەتكەن 10 يىلنىڭ ئالدىدا

  • مىسسى5 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئۈچ خىلنى قىلالايدىكەنمە ، قارىغاندا دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەمكەنمە ، ھې ھې

  • قاراقاشى5 كۈن ئىلگىرى

    ماڭا بىر قېشىنى ئىتىشنى ئۈگۈتۈپ قۇيۇدىغانلار بولسا ئۈگۈنەتتىم !!!

  • ئەپەندىم5 كۈن ئىلگىرى

    مەن بىر قىشىمنى ئاتالايمەن ئىككى قىشىمنى بىردىن بىردىن ئاتالايمەن قولقۇمنى مىدىرتالايمەن قۇلقۇمنىمۇ بىردىن بىردىن ئايرىم ھەم ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا ئاتالايمەن نەپەس ئالماي 1 مىنۇت 45 سىكىنۇت تورالايمەن

  • 、じǎR、ΖǎИ、5 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئەڭ ئاخىرقىنى قىلالايدىكەنمەن

  • س گ5 كۈن ئىلگىرى

    مەن دۈمبەمنى سۆيەلەيمەن كىم قىلالايدۇ

  • مۇزات19705 كۈن ئىلگىرى

    مەن بىر قېشىمنى سىكۇنىتىغا 3 قېتىم ئاتالايمەن

  • قەھرى شامال5 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئىككى قۇلىقىمنى تەڭمۇ، ئايرىم - ئايرىممۇ مىدىرلىلىتالايمەن خېلى ئوبدانلا! يەنە بىر قېشىمنى ئاتالايمەن 4 مىنۇت 11 سىكۇنت نەپەس ئالماي تۇرالايمەن! بۇ ئىقتىدار بولغاننىڭ نىم پايدىسى ھەممىدىن ياخشى ئىشلەيدىغان ئۆتكۈر كاللا ، چېۋەر پۇت قول شۇ ياخشى !

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号