باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا كاسپېرسكى ۋىرۇسخورى ئىشلىتىشنى رەسمىي چەكلىدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:17 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«رۇسىيە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ پائالىيىتىگە چېتىشلىق» دېگەن سەۋەب بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا رۇسىيەنىڭ كاسپېرسكى ۋىرۇسخورىنى ئىشلىتىشنى رەسمىي مەنئى قىلدى.

ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ئاخبارات تورى Engadgetنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «رۇسىيە ھۆكۈمىتى كاسپېرسكى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان ئۇچۇرىغا ئېرىشكەن، ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغان، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.»

7-ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر تىزىملىكىدىن كاسپېرسكى شىركىتىنى چىقىرىپ تاشلىغان ئىدى. ھالبۇكى بۇ قېتىم ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدا كاسپېرسكى ۋىرۇسخورىنى ئىشلىتىشنى رەسمىي مەنئى قىلدى.

ئامېرىكا كاسپېرسكى شىركىتىنىڭ تەتقىقات ۋە كەشپىيات پائالىيىتى رۇسىيە ئاخبارات تارماقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمانلانغان بولۇپ، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، ئامېرىكا رۇسىيەنى ئامېرىكىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا كاشىلا قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. كاسپېرسكى ئامېرىكىنىڭ ئەيىپلەشلىرىنى ئىنكار قىلدى. 

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە قانۇنىغا ئاساسەن كاسپېرسكى چوقۇم رۇسىيە ئاخبارات تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

كاسپېرسكى دۇنيا بويىچە داڭلىق ۋىرۇسخور بولۇپ، رۇسىيەنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى كاسپېرسكىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، رەسمىي مەنئى قىلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئەمەلىيەتتە كاسپېرسكى يۇمشاق دىتالىنى سېتىۋېلمىغان ۋە ئىشلەتمىگەن.

تەكشۈرۈش ئەھۋالى مۇنۇلارنى ئېنىق كۆرسەتتى: ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇچرىغان كۆپ قېتىملىق خاككېرلىق ھۇجۇمى ۋە ئۇچۇر ئوغرىلاش ۋەقەسى رۇسىيە خاككېرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، لېكىن رۇسىيە ئاخبارات تارماقلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلىقى تېخى ئىسپاتلانمىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号