باش بەت

گۈلمىرە شەمشىدىن

1172يوللانما
472مەستانە

ياخشى كېلىننىڭ 10 زىننىتى: سىز ياخشى كېلىنمۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 13:30 51 ئىنكاس چۈشتى


1. ئەتىگەندە ھويلىغا سۇ سېپىپ سۈپۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇخلاپ قالدىڭىزمۇ؟ سۈت پىشۇرغاندا، ئۇنى تاشتۇرىۋەتتىڭىزمۇ؟ كەچلىك تاماقنى تۇزلۇق ئېتىپ قويدىڭىزمۇ؟ ھېچقىسى يوق، بۇ ئەيبلىرىڭىزنى بوينىڭىزغا ئېلىپ، قېينئانىڭىزدىن ئۆزۈر سورىسىڭىزلا، دېمەك سىز بىر ياخشى كېلىن.

2. قېينئانىڭىز بەزى گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلىڭىزگە ئازار بېرىدۇ، ھۇجرىڭىزغا كىرىپ، راسا يىغلايسىز. بەرىبىر ياخشى كېلىنسىز! قېينئانىڭىز بىلەن تاكاللاشمىدىڭىز، يولدىشىڭىزغا تەگەپ بېرىپ، ئارىغا سوغۇقچىلىق سالمىدىڭىز. بۇ ئۆيگە ئۆزىڭىز بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن ئەركە مىجەزىڭىز، بالىلارچە قېيداشلىرىڭىز، پات ئارىدا ئانا بولغىنىڭىزدا ئاللىقاياقلارغا غايىب بولىدۇ. 

3. ئېغىر ئازار يېدىڭىز، راستىنلا ئەلەم بولدى. كېچىلەپ بالا بېقىپ، كۈندۈزى ئۆي ئىشلىرىغا يېتىشەلمەيۋاتقاندا، گەپ ئىشىتسە ئەلۋەتتە ئەلەم بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئېغىزىڭىزدىن تەبەسسۇم بىلەن «ماقۇل، ئانا» سۆزى چۈشمىدى. مانا، سىز ئەڭ ياخشى كېلىن.

4. قېينئانىڭىزنى يولدىشىڭىزغا يامانلاپ بېرىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىڭىز. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل - قېينئانىڭىزنىڭ كۆڭلىگە تۇتاشقان شۇ مېھىر يولىنى تېپىش ئارقىلىق يولدىشىڭىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھەببىتىگە ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشىش. بۇ قائىدىگە بىر ئۆمۈر ئەمەل قىلالىسىڭىز سىز ئەڭ ياخشى كېلىن، ئەڭ سۆيۈملۈك ئايال.

5. مانا، كېلىن بولغىنىڭىزغا ھەم بىر نەچچە يىل بولدى. ئەمما سىز توغرىلىق كۆڭۈلگە ياقمايدىغان نامۇۋاپىق گەپلەر ھەتتا پەرزەنتىڭىزنىڭ قۇلىقىغىمۇ يېتىپ باردى. «قېيىنئاناڭنىڭ ئۆيىدىكى سۈپۈرگىمۇ سېنى تۈرتىدۇ» دېگەن شۇ بولسا كېرەك. مەيلى، نەقەدەر سەۋرچان ئايال سىز! بۇنداق سۆز-چۆچەكلەرگە پەرۋا قىلماسلىققا ئۇرىنىۋاتىسىز، بەللى، ياخشى كېلىنسىز.

6. روزىغارىڭىز بۆلەك بولسىمۇ، قېينئانىڭىزنىڭ مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ «خوپ» دەيسىز، ئاخىر شۇنچە يىلدا قېينئانىنىڭ گېپىگە كىرىپ، ھېچنەرسىڭىزنىڭ كەم بولمىغىنىنى، بارا بارا بەرىكەت تاپقىنىڭىزنى تەن ئالدىڭىز، ياخشى كېلىن بولۇشىڭىزغا بۇ ھەم يېتەرلىك!

7. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تىلىڭىزدىن «ماقۇل ئانا»، «مانا ھازىر، ئانا»، «رەھمەت، ئانا سىز دېگەندەك بولسۇن» كەبى شېرىن سۆزلەر چۈشمەي كەلدى. ياشاڭ! سىزدەك قىزنى تەربىيىلىگەن ئاتا-ئانىڭىزغا مىڭ رەھمەتلەر بولسۇن!

8. ئۆتكەن ئۆمرىڭىزنى خاتىرىلەپ، ئاچچىق گەپلەرنى ئۈندىمەي ئىچىڭىزگە يۇتقىنىڭىزغا ئېچىنماڭ. سىز كۆز ئالدىڭىزدا كۈنسېرى ئەقىل كىرىپ، چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتىڭىزگە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىۋاتىسىز. نېسىپ قىلسا، كېيىنكى ئۆمرىڭىزدە ئەڭ گۈزەل سۆزلەر سىز ئۈچۈن ئېيتىلىدۇ.

9. «ئۆيدىكى گەپنى كوچىغا چىقارما» تويدىن ئاۋۋال ئانىڭىز قۇلىقىڭىزغا قۇيغان بۇ گەپنى ئۆمۈرۋايەت ئەستىن چىقارمايسىز، ياخشى كېلىنسىز! ئىچىڭىزدىكى چوغنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن بىراۋغا دەرد تۆككۈچە، ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىسىز.

10. يۇقىرىقىلارنى ئوقۇپ تۇرۇپ، ئۆزىڭىزنى تونۇدىڭىز. ئەمما بۇنى يولدىشىڭىزغا ياكى قېينئانىڭىزغا كۆرسىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر ياخشى كېلىن ئىكەنلىكىڭىزنى سەمىگە سالمىدىڭىز. بەلكى، تېخىمۇ ياخشى كېلىن، لاياقەتلىك ئايال بولۇپ، قېينئانىڭىزنىڭ ئۆزى چىن قەلبىدىن ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىڭىز.


باش سۈرەت تاللاش x
  • نادىرە5 كۈن ئىلگىرى

    بەرنا نىڭ پىكرىنى قوللايمەن ناھايىتى توغرا دىدىڭىز

  • سەردار5 كۈن ئىلگىرى

    ما تېما شۇنداق ياخشى يولىنىپتۇ ئىنكاسلارمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ

  • باھادىر6 كۈن ئىلگىرى

    بەزىلەر قاردا توشقان تۇتقىلى ئۇستىكەن ھە!!!

  • ئۆمەر6 كۈن ئىلگىرى

    شەبنەم بىز پاراڭلىشىپ باقىلى بومىسا

  • غۇنچە6 كۈن ئىلگىرى

    كېلىن بىلەن قېينى ئانا مۇناسىۋىتى ناھايىتى نازۇك مۇناسىۋەت،بىز يېنىمىزدا بار چاغدا بىر بىرىمىزنىڭ قەدىرىگە يەتمەي سەكلەشكەن بىلەن ،ئايرىلغاندا ،بۇ تالىشىشنىڭ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلىدىكەنمىز، خۇشال بۇلىدىغىنىى قېينى ئاپامنىڭ
    ئاخىرقى ئۆمىرىدە خىزمىتىنى قىلىپ رازىلىغىنى ئېلىۋالدىم، تەرىتىگە قاچا تۇتۇپ ،كىلىنلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىۋالدىم

  • ئاق نان6 كۈن ئىلگىرى

    سۈرەتتىكى ئۆزبېكىستانلىق قىز ئىكەن

  • ئىنساپ6 كۈن ئىلگىرى

    .ھەر ھەر ئىغىر كەسەلنى باقىدىغان 70ياشلىق 80 ياشلىق لىنى باقىدىغان كىلىنچەكلەباغۇ ئۇلا ۋايسىمايدىغۇ.شۇلانىڭ تامىقىنى كىر قاتلىرىنى يۇيىدىغۇ.بۇنىڭ نەرى خاتا.ئەمدى يۇزىمىز گىلا سۇكەپ ئۇچىمىزغا چىققاننى كىيىپ يۇسەك ئۆزىمىز گە ئاشۇنداق كىلىن چىسە.نىمدەيمىز ئۇچاغدا مەن قىيناتام قىينىئانام ئىشىنى قىمماپتىم ماڭغا مۇشتىغى چېرېپتا دم دۇقيا ياكى بالام نان قىپى خوتۇننىڭ سىز قىدىن چىقاممايدىغان دەپ بالىمىز نى تىللامدۇق......

  • بەرنا6 كۈن ئىلگىرى

    ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ يات بىر ئائىلىگە كېلىن بالا بۇلۇپ كىرگەن قىزغا قېينانىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، قېينانىلىق ئەمەس ئانىلىق نەزىردە قاراپ، مىھىربانلىق كۆرسۇتۇپ، بىلمىگەن، ياخشى قىلالمىغان يەرلىرىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆگۇتۇپ شۇ قىزغا نىسبەتەن ئۆزىنى، شۇ ئوينى يات ھىس قىلدۇرمىسا، ھەر تۇرلۇك زىدىيەتلەردە كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، ئادىل بىر تەرەپ قىلغۇچى بولالىسا، ياش ئەر-ئايالنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالمىسا، شۇ قىزنىڭ ئىززەت-ھورمىتىنى جايىدا قىلالىسا ھەر قانداق بىر ئەقلى بار قىز ياخشى كېلىن بۇلۇشقا تىرىشىدۇ مەنچە. چوڭلار كىچىكلەرنى ئىززەت قىلسا كىچىكلەرمۇ چوڭلارنى ھورمەت قىلىدۇ. ھىچ قانداق ئىش قارشىلىقسىز بولمايدۇ. ياخشى بۇلۇش يامان بۇلۇش بىر ئادەمگىلا باغلىق ئەمەس، بەلكى ئەتراپتىكىلارنىڭ شۇ ئادەمگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدا.

  • شەبنەم6 كۈن ئىلگىرى

    ئەزىز يۇرت نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ ئەمسە

  • مېھمان6 كۈن ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە بار شەخسەن مەن شۇنداق قىيىن ئاپام بىلەن شۇنداق ياخشى مەن توي قىلغىلى ئىككى يىل بولدى بىرەر قىتىممۇ ئاليىپ قاراپ باقمىدۇق مىنى ئۆز قىزدەك كۆردۇ كۆڭلۈم يىرىم ۋاقىتلاردا ئاپام مىنى قۇچاقلاپ تەسەللى بىردۇ ئشتىن ھىرىپ چۇشكەن ۋاقىتلاردا مەنمۇ پۇت قوللىرىنى تۇتۇپ قويسام شۇنداق سۇينۇپ كېتىدۇ ئاخىرغىچە شۇنداق بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号