باش بەت

گۈلنىسا

140يوللانما
7مەستانە

دادىسىنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن 3 ئايدا 40 كىلوگىرام ئورۇقلىغان يىگىت

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 14:00 3 ئىنكاس چۈشتى

ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بىر سېمىز يىگىت دادىسىنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن ئويغىنىپ، ئورۇقلاپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىگە كىرىش ئارزۇسى ئىشقا ئېشىپ، بودەك يىگىتتىن مۇسكۇللۇق يىگىتكە ئايلىنىپلا قالماي، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن يەنە ئۆزىنىڭ چېنىقىش ئۆيىنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

James Tilley ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا سېمىزلىكنىڭ ئازابىنى چەككەن. ئۇ 16 ياش ۋاقتىدا بەدەن ئېغىرلىقى 108 كىلوگىرامغا يېتىپ، ھەر كۈنى 5000 كالورىيە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلاتتى، ئۆزىنى ئىنتايىن كەمسىتەتتى. James مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە مەن ئىنتايىن ئازابلىناتتىم. ئۆيدىن تالاغا چىققۇممۇ كەلمەيتتى، دوستلىرىم بىلەن سۇ ئۈزۈشكىمۇ بارمايتتىم، چۈنكى بەك ئوڭايسىزلىق ھېس قىلاتتىم.

James نىڭ بۇ ئەھۋالى تاكى ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە داۋاملاشتى، ئۆگەي دادىسىنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. James مۇنداق دېدى: ئۆگەي دادام ماڭا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق جەڭ قىلغۇچى ئەترىتىگە قاتنىشىش تەكلىپى بەردى، خۇددى بىرى مېڭەمدىكى ۋىكليۇچاتېلنى ئېچىۋەتكەندەك شۇ دەقىقىدىن باشلاپ بەدەن چېنىقتۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈمنى تاپتىم. 

James ئارزۇسىنى بېكىتكەندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقىنى تېزدىن تۆۋەنلەتكەندىلا ئارزۇسىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. يېمەك-ئىچمەكنى قاتتىق كونترول قىلىشتىن قاتتىق مەشىق قىلىشقۇچە، James ئۈچ ئاينىڭ ئىچىدە 41.5 كىلوگىرام ئورۇقلىدى ۋە تاللاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  James ا201-يىلىدىن باشلاپ 4 يىل ھەربىيلىككە قاتناشتى. ئۇ مۇكەممەل بەدەن قۇرۇلۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشتى. James ئۆزىنى كەمسىتمەيدىغان بولۇپ، Emma بىلەن مۇھەببەتلەشتى. James: «ھازىرقىدەك بەدەن قۇرۇلۇشۇم بولمىسا، ئىككىمىزنىڭ بىللە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن» دېدى. Emmaمۇ Jamesنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ۋىلىت ۋىلايىتىدە ئۆزىنىڭ  چېنىقىش ئۆيى ئېچىشتەك خىزمەت نىشانى تىكلىشىگە ياردەملەشتى. James: «ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزىنىڭ نېمىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئاسان قىلىپ چۈشەندۈرىمەن. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئايتەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇدەك ۋاقتى ئۇماقكەنتۇق ....شۇنداقمۇ

  • ئويناپ شۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماۋ خەۋەرگە تازا ئىشەنگۇم كەلمەيۋاتىدۇ

  • پاخشى1 ھەپتە ئىلگىرى

    راۋۇرۇس ئەركەك كە, بەك سەت ئىرادە كىتىدىغان ئىش بۇ چىنىقىش دىگەن .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号