باش بەت

نۇسرەتگۈل

7758يوللانما
112مەستانە

دۇنيا بويىچە «ئەڭ مېھماندوست بولمىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 15:13 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان، چاۋشيەن، سومالى، سۇرىيە ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق 5 دۆلەت «ئەڭ مېھماندوست ئەمەس دۆلەتلەر تىزىملىكى»دە ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان. Passport Index تور بېكىتىدىكى تىزىملىكتىن قارىغاندا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 5 دۆلەت چېگرىدىن ۋىزىسىز كىرىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويمىغان. 

تىزىملىكتە 2-ئورۇنغا تىزىلغان ئانگولا پەقەت نامبىيەلىك ساياھەتچىلەرگىلا چېگرىدىن ۋىزىسىز كىرىش ئېتىبارى يولغا قويغان؛ 3-ئورۇنغا تىزىلغان دۆلەتلەر بۇتان، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى، ئېرىتېرىيە، ئىران ۋە لىۋىيە. بۇ 5 دۆلەت پەقەت 3 دۆلەتكىلا چېگرىدىن ۋىزىسىز كىرىش ئېتىبارى يولغا قويغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号