باش بەت

گۈلنىسا

140يوللانما
7مەستانە

باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان سېمىز قىز تىرىشىپ 5 يىلدا يوگا ئۇستىسى بولدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 15:55 5 ئىنكاس چۈشتى

يوگا نۇرغۇن كىشىلەر ئالقىشلايدىغان تەنھەرىكەتكە ئايلىنىپ، مەيلى بەدەن شەكلىنى ساقلاش ياكى مودا قوغلىشىش ئۈچۈن بولسۇن ئاستا-ئاستا تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلىمەكتە. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يوگا مەشىق قىلىدىغانلار ئادەتتە زىلۋا كېلىدۇ، لېكىن سىز بودەك ئايالنىڭ يوگا ئۇستىسى بولغىنىنى كۆرگەنمۇ؟ جېسسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق سېمىز قىز بولۇپ، كىشىلەر دائىم ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى، لېكىن يوگا بىلەن بىر قېتىملىق تاساددىپىي ئۇچرىشىشتىن كېيىن، جېسسى يوگاغا مەپتۇن بولۇپ، قىسقىغىنا 5 يىلدا ساھە ئىچىدىكى داڭلىق يوگا ئۇستىسىغا ئايلاندى.

جېسسى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، لېكىن سېمىز بولغاچقا دوستى يوق ئىدى، ھەتتا ئۆيدىكىلىرىمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى.

بەدەن شەكلى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ تىرىشىپ جەمئىيەتكە سىڭىشقا تىرىشتى. بىر قېتىملىق تاساددىپىيلىقتا ئۇ يوگا ئىشلەپ سىناپ باقتى، شۇنىڭ بىلەن يوگاغا مەپتۇن بولۇپ قالدى.

ئەتراپتىكىلەر جېسسىنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىپ، سېمىز كىشى يوگا مەشىق قىلىپ نېمىش قىلىدۇ، ئازراقمۇ ئېستېتىك تۇيغۇ بېرەلمەيدۇ، دېدى. لېكىن جېسسى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى ئۈن-تىنسىز داۋاملاشتۇردى.

جېسسى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا پەرۋا قىلمايدىغانلىقى، يوگا مەشىق قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جېسسى 5 يىلدا ئۆزىنىڭ يوگا مەشىق ئۆيىنى ئېچىپلا قالماي، يەنە كىتاب چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ يوگا مەشىق قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيانقى سەرگۈزەشتىسى ۋە تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى.

ھازىر، ساھە ئىچىدە جېسسىنىڭ نامى چىقىپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ يوگا ئۇستىسىغا قايىل بولدى. ئۇ يوگانى ۋايىغا يەتكۈزگەن تۇنجى بودەك بولسا كېرەك. جېسسى يەنە سېمىز كىشىلەر ئۈچۈن مەخسۇس بىر سائەت دەرس تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتمەي، جۈرئەتلىك ھالدا ئارزۇسىنى قوغلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بەرنا1 ھەپتە ئىلگىرى

    رەھمەت تەھرىر، دىمەك يۇگا ئۇرۇقلىتالمايدۇ. بۇنى بىلىۋالدىم.

  • مەۋلانىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ سىمىز خوتۇن بىگموتقىلا ئوخشايدىكەنغۇ ھى ھى

  • سەلەي بۇرۇت1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەجەپ يامان بودەكىكنا ئوجووون

  • ئەلەي بەلەي1 ھەپتە ئىلگىرى

    قالتىس يېرى يوگا مەشىق قىلغىنى ئەمەس، بەش يىل مەشىق قىلىپمۇ ئورۇقلاپ كەتمىگىنىكەن.

  • Im.ok1 ھەپتە ئىلگىرى

    قول قويدۇم سىمىز كىشلەر ئۇنداق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەركەتلەرنى قىلىش ئەمەس ھەتتا پەلەمپەيدىنمۇ شۇنداق تەستە چىقىدۇ . لىكىن بۇ ئايال سەل بەدىننىنى يىپىپ يۈرسە تىخىمۇ جەزبىدار بولاتتىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号