باش بەت

دەۋران

473يوللانما
17مەستانە

ئاۋىسترالىيەدە 130 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كۆچمە ئۆي ئوغرىلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:34 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆيمۇ ئوغرىلىنامدۇ؟ شۇنداق، يېقىندا ئاۋىسترالىيە كانبېررادىكى مەلۇم بىر ئۆينى ئوغرى ئالغاندىن كېيىن 1400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۇۋانىسلاند ئىشتاتىدا بايقالغان.

بۇ ئۆي شۇ يەردىكى مەلۇم بىر شىركەتكە تەۋە بولۇپ، كانبېررادىكى ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسىدە سېتىش ماشىنىسى قىلىنغان، بۇ ئۆي يەكشەنبە كۈنى ئوغرىلانغاندىن كېيىن ئوغرى بۇ ئۆيدىن ئىزچىل ۋاز كەچمەي، شەرەپلىك ھالدا مەملىكەتنىڭ ھەر يەرلىرىدە سۆرەپ يۈرگەن، تارتىۋېلىنغان ۋىدىيودىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوغرى ئۆينىڭ چىڭىتىش قىسقۇچىنى بۇزۇپ ئۇنى ماشىنىغا چېتىپ سۆرەپ قاچقان. 

مەزكۇر شىركەتنىڭ شېرىكى جۇلى براي ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تورداشلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىپ ئۆينىڭ ئادرېسىنى تېپىپ بېرىشىگە ياردەملىشىشىنى ئىلتىماس قىلغان ۋە: «بىز ئۆينىڭ يامان ئەمەسلىكىنى بىلىمىز، لېكىن ئۇنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىنى ئويلاپ باقماپتۇق» دېگەن. 

ئۆي ئوغرىلىنىپ 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا مەلۇم بىر كىشى ئۇ ئۆينى كۇۋانىسلاند ئىشتاتىدا كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. 

بۇ ئۆينىڭ باھاسى 20مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 130مىڭ يۈەن)، جۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆينى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 15مىنۇت ئۆتكەنلەردە كۆرگەن ئىكەن.

مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ ئۆيگە ئىگە بولغىنىغا بىر يىل بولغان بولۇپ، ئۇنى يەنە يېقىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كۆرگەزمىسىدە ئىشلىتىلمەكچى ئىكەن. 

ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ ۋە ئىشلەپ چىقىرىش شىركىتى 1000 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6527 يۈەن) ياردەم پۇلى بەرگەن ۋە ئۆينى بىخەتەر ھالدا بالدۇرراق قايتۇرۇپ ئەكىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. 

نۇرغۇن تورداشلار ئۆينى سۆرەپ ماڭغان ماشىنىنىڭ قانداق ماشىنا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشىپ ئۇنى فورت ئوۋ بۈركۈتى ناملىق كىرا ماشىنىسىمىكىن دېيىشكەن. 


باش سۈرەت تاللاش x
  • مەمەتجان2 ئاي ئىلگىرى

    ئوغرىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىكەن ماۋۇ،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号