باش بەت

ئابدۇجېلىل سەمەت

73يوللانما
0مەستانە

پارىژدا بىر ئايال 130 مۈشۈكنى بالكوندىن تاشلىۋەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 15:30 12 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيە «يېڭى كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9–ئاينىڭ 8–كۈنى پارىژ مونپارناس رايونىدىكى بىر كونىچە ياتاق بىناسى يېنىدا كىشىلەر بىر ئايالنىڭ 3-قەۋەت بالكوندىن پەسكە مۈشۈك تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. «مۈشۈكنىڭ توققۇز جېنى بار» دەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە 3-قەۋەت ئانچە ئېگىز بولمىغاندىن يارىلانماس دېيىشكەن. لېكىن مۈشۈكلەر ناھايىتى ئاجىزدەك كۆرۈنگەن، نەچچىسى يەرگە چۈشۈپ ئېچىنىشلىق چىرقىراپ كەتكەن.

قوشنىلار ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار يېتىپ كېلىپ چۆچۈپ كەتكەن. ئەسكى ۋە تار 25 كىۋادراتلىق ياتاق ئۆيدە 130 مۈشۈك بولۇپ، ئۆي مەينەت ھەم پاراكەندە ئىكەن، مۇشۇنداق يەردە مۈشۈكلەر توپ-توپ بولۇپ بىللە ئوينايدىكەن.

ساقچىلار ئۇ ئايالنى قولغا ئېلىپ، روھىي كېسەل بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمان بىلەن باش ئىشتابتىكى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئاپارغان. ئارقىدىن تەكشۈرگىلى كەلگەن ئەرمەك ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى ___ «30 مىليون دوست فوندى» مۈشۈكلەرنىڭ ئوزۇقىنىڭ ناچارلىقى، قۇرتلاپ كەتكەنلىكى، كۆپىيىشتىن توسۇلمىغانلىقى، بالكوندىن تاشلانغان خېلى جىق مۈشۈكنىڭ پۇتلىرى سۇنۇپ، ئۆلۈمگە تەييار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان.

ئۇ بىچارە مۈشۈكلەر ئاۋۋال ھايۋاناتلار باغچىسىدا بېقىلغان، كېيىن «30 مىليون دوست فوندى» ئۇلارنى پارىژ شەھەر سىرتىدىكى بىر ئەرمەك ھايۋانلارنى قوغداش ئورنىغا ئاپىرىپ قويغان. مەزكۇر فوندنىڭ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خادىمى لوممىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يىغىلغان مەبلەغنى ئۇلارنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش، قۇرتىنى يوقىتىش ۋە ئۆزەك سېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنى بېقىۋالىدىغان باشقا يەرگە ئاپىرىپ قويىدىكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇنچە كۆپ مۈشۈكنى داۋاملىق باققۇچىلىكى يوق ئىكەن.

ئەتراپىمىزدا مۈشۈككە ئامراقلىقىنى پەش قىلىپ، شارائىتىغا باقمايلا بىر مۇنچە مۈشۈكنى يىغىۋالىدىغانلار بار، ھەتتا بەزى تاراتقۇ ۋە ئىختىيارىي تاراتقۇلار بۇنداق «يىغمىچىلار»نى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشىدۇ. ئۆزىمىز، ئاممىۋى مۇھىت ۋە مۈشۈكلەر ئۈچۈن، بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىككە خاتىمە بېرەيلى!

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالتۇن كۈز1 ھەپتە ئىلگىرى

    پەرھات تورداش سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشقىلىمەن

  • پەرھات1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي ئىسىت بىزنىڭ شىنجاڭدا بۇپقاسا چۇ

  • ئەسكى Y1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاسلانچاق لازىم بولسا مېنى ئىزدەڭلە،

  • ئەسكى Y1 ھەپتە ئىلگىرى

    مېنىڭ بەك ئوماق بىر ئاسلىنىم بار، مەنمۇ ئامراق

  • ☆ guL七ra丫↶ ͡☆1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ قىزىم بەك ئامراق مۇشۇككە يەكەندىن مۇشۇك بىردىغانلا بولسا خەت قالدۇرۇڭلا مۇشۇكنىڭ بالسى بولسا تىخى ياخشى

  • ئالتۇن كۈز1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ مۈشۈككە بەك ئامراق ئىدىم لىكىن ھازىر مۈشۈك قالمىدى تورداشلار ماڭا بىر تال ئاسلان ياكى مۈشۈك بەرسەڭلار بوپتىكەن رەھمەت

  • مىردىئان سۇ ساپلاشتۇرۇش ماشىنىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇزۇقلۇق زەنجىرى دىگەن شۇ . تەڭپۇڭلۇق يۇقالسا ئاشتا بولدۇ

  • ئەسلىمە1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن مۈشۈككە بەك ئامراق بىزنىڭ بىرمۈشۈك ئىككى ئاسلان بار ھەي بەك ئىچىم ئاغرىدى بىچارە مۈشۈكلەرگە 3قەۋەتتىن تاشلىغاندا قانچىلىك قىينالغاندۇھە……

  • ئەلتەبىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي بىزنىڭ ئۆيدىكى مۆشۈك بايۋەتچىكەن ھې بىز ئەتكەن چاي ئىشسەك ئۇنىڭسا سۈت تاماق يىسەك تاماق يەيدىغان كۆشىمىزنى بېرىپ ئۇنىڭغا شۇڭىكەندە ھويلىدا چاشقاننى تۇتىۋىلىپ يىنىغا ئەكەۋىلىپ ئاسمانغا ئېتىپ ئويناپ ھاھاھا يىمەي تاشلاپ ھەي بايۋەتچىكەن زەردار مۆشۈككەن بىزنىڭ مۆشۈك مەلىدىكى مۆشۈكلە كۆزى قىزىرىدىكەندە ئەمدى ھاھاھا

  • مىسران1 ھەپتە ئىلگىرى

    راس مەن مۈشۈككە بەك ئامراق ، مۈشۈكمۇ بەك ئوماق لىكىن بىر مۈشۈك بىر ئاسلانلا با، مۈشۈكنى خارلىغانلارنى لىكىن………

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号