باش بەت

zefer

590يوللانما
33مەستانە

موڭغۇلىيەدە دىنوزاۋرنىڭ تاشقا ئايلانغان غايەت زور ئاياغ ئىزى بايقالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:50 3 ئىنكاس چۈشتى

سۇمۇرۇغ تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

ياپونىيە ۋە موڭغۇلىيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا موڭغۇلىيە چۆللۈكىدە دىنوزاۋرنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر كېلىدىغان غايەت زور تاشقا  ئاياغ ئىزىدىن ئۈچنى بايقىغان، ئۇلار بۇ ئاياغ ئىزىنى قالدۇرغان دىنوزاۋرنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى 30 مېتىر دەپ پەرەز قىلغان.

دىنوزاۋر ئاياغ ئىزىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى

ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ 12-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئوكاياما تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىلەن موڭغۇلىيەلىك كەسىپداشلار بۇلتۇر يازدا قۇملۇقتا بور دەۋرىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى يەر قاتلىمىدىن بىر ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر كېلىدىغان دىنوزاۋرنىڭ تاشقا ئايلانغان ئاياغ ئىزىنى بايقىغان، بۇ ئۈچ يېڭىدىن بايقالغان ياخشى ساقلانغان غايەت زور دىنوزاۋرنىڭ تاشقا ئايلانغان ئاياغ ئىزىمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى قېزىلغان جاينىڭ ئەتراپىدىن بايقالغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ئارقا پۇت ئىزى ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: «دىنوزاۋرنىڭ بۇنداق چوڭ تاشقا ئايلانغان ئاياغ ئىزى پۈتۈن دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، ئىنتايىن قىممەتلىك.» ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، بۇ قېتىم بايقالغان ئۈچ تاشقا ئايلانغان ئاياغ ئىزى بىلەن بۇلتۇر بايقالغان تاشقا ئايلانغان ئاياغ ئىزى ئوخشاش دىنوزاۋرنىڭ ئىكەن، بۇ دىنوزاۋرنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىردىن ئاشىدىكەن، تىتان تۈرىدىكى گىگانت دىنوزاۋر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تاشقا ئايلانغان ئارىلىقى ۋە شەكلى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلغاندا، بۇ دىنوزاۋر ئەينى ۋاقىتتا 1.6~1.9 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن ئاستا ماڭغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • mattursun2 ئاي ئىلگىرى

    مەندە بىر تاش بار بۇنىڭدا بىر نەرسىنىڭ ئىزى بار بۇنى كىم بىلەلەيدۇ

  • ئومەر2 ئاي ئىلگىرى

    ئزې ئۇچەپ كەتمەم دېكنا يا تاشقا دەسسگەب بۇسا ئېزې قالامدۇ ئۇ دەۋېر دكې تاش يۇمشاق مكنە

  • تۇيغۇ2 ئاي ئىلگىرى

    بۇر بىر يامغۇر سۈيىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن شەكىللەنگەن توخۇنىڭ تۇتى شەكىللىك ئويمانچاقتەك قىلىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号