باش بەت

مەۋلۇدە

1907يوللانما
13مەستانە

ھەجۋىي رەسىم «جەننەتتىكى ناتونۇش ئادەم» كىنو قىلىپ ئىشلەنمەكچى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:02 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەنجېلا روبىنسون

سىنا تاماشا خەۋىرى، بېيجىڭ ۋاقتى 13-سېنتەبىر، چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئايال رېژىسسور ئەنجېلا روبىنسون (Angela Robinson) داڭلىق ھەجۋىي رەسىمچى تېررىي مورې (Terry Moore) بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ «جەننەتتىكى ناتونۇش ئادەم» ناملىق ئەسىرىنى چوڭ ئېكرانغا ئېلىپ چىقماقچى بولغان، بۇ ھەجۋىي رەسىمدە بىر بىمەنە ۋە كۈلكىلىك بولغان مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ.

تېررىي مورې 

ۋەقەلىك ئاساسلىقى Katchoo ئىسىملىك ئايالنى مەركەز قىلىدۇ، ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق. Katchoo ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى قىز دوستى Francine نى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئارقىدىنلا مۆتىۋەرلەرچە سالاپەتكە ئېگە داۋىد Katchoo نى قوغلىشىدۇ، ئۈچەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەت بىر بىمەنە شۇنداقلا تەسىرلىك ئۈچ بۇرجەك مۇھەببەتنى پەيدا قىلىدۇ. قىممىتى 850 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق نەق پۇل ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتەك بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، Katchoo نىڭ تېنچ تۇرمۇشىغا چاك كېتىدۇ.

«جەننەتتىكى ناتونۇش ئادەم»

بۇ ھەجۋىي رەسىم 1993-يىلى 1-ئايدا تۇنجى ئېلان قىلىنغان، 1996-يىلى ئېسناگى مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ھېكايە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2001-يىلى GLAAD Award ئەڭ ياخشى ھەجۋىي رەسىملىك كىتاب مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号