باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا بىر كېچىدىلا ℃10 تۆۋەنلىدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:11 0 ئىنكاس چۈشتى

13-سېنتەبىر، كۈزلۈك كىيىملىرىنى كىيىۋالغان شەھەر ئاھالىلىرى خەلق باغچىسىنى ئايلانماقتا. (مۇخبىر چېن يەن فوتوسى)

   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئالدىنقى كۈنىلا يازلىق كىيىملەر بىلەن يۈرگەن كىشىلەر، بىر كېچە ئۆتۈپلا كۈزلۈك كىيىملەرگە چۈشۈپ كەتتى. 13-سېنتەبىر سەھەر شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا ℃9.1قا چۈشتى، كېچىكىپ كەلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۈز پەسلىنىڭ رەسمىي كىرگىنىدىن دېرەك بەردى.

  ئوتتۇراھال كۈچلۈك سىبىرىيە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 13-سېنتەبىر سەھەردىن باشلاپ مەركىزىي شەھەرگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلاپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلىدى. 12-سېنتەبىر كەچقۇرۇن شەھەر ئاساسىي رايونىدا تېمپېراتۇرا ℃20 بولدى. 13-سېنتەبىر سەھەر، شەھەر ئاساسىي رايونىدا 0.4 مىللىلېتىر يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرىمۇ بىر مەھەل ℃9.1قا چۈشۈپ قالدى، چۈشتىن بۇرۇن ھاۋا بارا-بارا ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاران ℃17 بولۇپ، سېنتەبىر كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق كۈن بولدى.

   ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي كۈز پەسلى ئەمدى باشلاندى. كىلىماتنى تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمى بويىچە ئۇدا بەش كۈن ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃20تىن تۆۋەن بولسا كۈز پەسلىگە كىرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرىكى يىللاردا ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدىلا كۈزگە كىرىپ كېتىدىغان مەركىزىي شەھەر بۇ يىل سېنتەبىر كىرگەندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يۇقىرى تېمپېراتۇرا تۈپەيلى كۈزنى كېچىكىپ كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە مەركىزىي شەھەردە كەلگۈسىدىكى بىر ھەپتە تېمپېراتۇرا ئىزچىل ℃20تىن تۆۋەن بولىدۇ.

    شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شەھەر ئاساسىي رايونىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ، كۈندۈزدە تېمپېراتۇرا ℃20 ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئەتىگەن-كەچتە يەنىلا ℃10 ئەتراپىدا بولىدۇ.

 

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/14/content_619472.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号