باش بەت

خەۋەرلەر

2990يوللانما
11مەستانە

ئاپتونوم رايونىمىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئاتچوت قىلغىلى بولىدىغان دورىلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:13 0 ئىنكاس چۈشتى

  مۇبارەك ئىسمائىل، گۈلنار مەھمۇت خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئاتچوت قىلىنىدىغان دورىلارنىڭ تىزىملىكىگە 2017 – يىللىق ‹‹دۆلەت داۋالىنىش ئاساسىي سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىدىكى دورا تىزىملىكى››دىكى دورىلاردىن سىرت يەنە دۆلەت دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پۈتۈشكەن 36 خىل دورا كىرگۈزۈلگەن، يېڭى دورا تىزىملىكى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

 ئۇقۇشىمىزچە، دۆلەت سۆھبەتلىشىپ پۈتۈشكەن 36 خىل دورىنىڭ ھەممىسى ئاتچوت قىلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، B تۈردىكى دورىلار بويىچە ئاتچوت قىلىنىدىكەن، ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە چەك قويۇلىدىكەن. دورىلارنىڭ 2016 – يىللىق ئوتتۇرىچە پارچە سېتىلىش باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ دورىلارنىڭ باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %44، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %70 بولىدىغان بولۇپ، بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدىكەن. بۇ دورىلارنىڭ ئىچىدە 15 خىل دورا ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان دورا ئىكەن. 

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/13/content_619254.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号