باش بەت

نۇسرەتگۈل

6493يوللانما
55مەستانە

ئىككى ئايال 2000 يۈەن ئۈچۈن 5.6 كىلوگرام زەھەرنى توشۇدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:30 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈننەن ئۆلكىسى باۋشەن شەھىرى چاڭنىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچىلار جېنكاڭ ناھىيەسى نەنسەن بازىرىدا كىيىمنىڭ ئارىسىغا زەھەر يوشۇرۇپ يۆتكەش دېلوسىدىن بىرنى بىتچىت قىلىپ، ئىككى جىنايەت گۇماندارى ۋە 5.625 كىلوگرام خىروئىننى قولغا چۈشۈردى.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكىلەر بىر ئەرنىڭ چېگرا سىرتىدىن بىر تۈركۈم زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ كىرمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. يىپ ئۇچىغا ئاساسەن زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكىلەر دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ لىنساڭ شەھىرى جېنكاڭ ناھىيەسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 22لەردە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىنڭ ساقچىلىرى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق جېنكاڭ ناھىيەسى نەنسەن بازىرىدىن جىنايەت گۇماندارى گۇ xx ۋە لى xxلەرنى قولغا چۈشۈردى. نەق مەيداندىن يەنە ئىككەيلەن 8 پاختىلىق چاپاننىڭ قېتىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭغان سۇلياۋ خالتىغا ئوراقلىق خىروئىندىن 5.625 كىلوگرامىنى قولغا چۈشۈردى.

جىنايەت گۇماندارى لى xx ۋە گۇ xxلارنىڭ ئىقرارىغا ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىككەيلەن 2000 يۈەنگە ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن نەنسەندە ئارىسىغا زەھەرلىك چېكىملىك يوشۇرۇلغان خىروئىن بار كىيىملەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى بىرەيلەنگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغانىكەن.

نۆۋەتتە، بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号