باش بەت

نۇسرەتگۈل

6596يوللانما
60مەستانە

100 يىللىق چېگىرا ئېغىزى قورغاسنىڭ يېڭى قىياپىتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:48 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسى ھېسابلىنىدىغان قورغاس قەدىمدىن تارتىپلا قەدىمكى «يىپەك يولى»دىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، 1881-يىلى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈش رەسمىي يولغا قويۇلغان. 2012-يىلى، ئېلىمىزدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان چېگىرا ھەمكارلىق رايونى جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. 2014-يىلى، گوۋۇيۈەن ناھىيە دەرىجىلىك قورغاس شەھىرى قۇرۇشنى رەسمىي تەستىقلىغان. بۈگۈنكى كۈندە قورغاس زامانىۋى ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىغا تايىنىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا. قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن ئاۋغۇستىقىچە قورغاس رايونىدا ئىمپورت-ئېكىسپورت قىلىنغان تاۋار 19 مىليون 372 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.2 ئاشقان، ئىمپورت-ئېكىسپورت سودا سوممىسى 70 مىليارد 179 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %28.87 ئاشقان. سۈرەتتە، ساياھەتچىلەر جۇڭگو-قازاقىستان خەلقئارا قورغاس خەلقئارا چېگىرا ھەمكارلىق مەركىزىدە جۇڭگو مەدەنىيەت سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-09/14/content_619391.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号