باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
46مەستانە

تارىختىكى ئەڭ چوڭ «ماي تاغ» لوندوننىڭ ئەۋرەز يولىنى توسۇپ قويدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:38 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىلەن ئېشىپ قالغان تاماقلارنى قارا-قويۇقلا ئەۋرەز يولىغا تۆكۈۋەتسە قانداق بولار؟ بۇنىڭ جاۋابىنى لوندون ئەۋرەز يولى سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. يېقىندا، لوندوندىكى ئەۋرەز يولىدا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ قېلىشىدىن پەيدا بولغان ئەڭ چوڭ «ماي تاغ» پەيدا بولدى، «ماي تاغ» لوندوننىڭ مەلۇم بۆلەكتىكى ئەۋرەز يولىنى پۈتۈنلەي توسۇپ قويدى. شەھەر مەمۇرىيىتىدىكىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئىشچىلار ئۈچ ھەپتە تىنىمسىز ئىشلىسە بۇ «ماي تاغ»نى تازىلاپ بولۇشى مۇمكىنكەن. 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا لوندون شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، «ماي تاغ» توسۇپ قويغان بۆلەكنى جىددىي تازىلاۋاتماقتىكەن. «ماي تاغ» توسۇۋالغان ئەۋرەز يولى لوندوندىكى ئاق چېركاۋنىڭ ئاستىدىكەن. ئىشچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئەۋرەز يولىدا تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، ئاشقان تاماقلار، زاكا قاتارلىقلاردىن شەكىللەنگەن غايەت زور «قاتتىق جىسىم» باركەن، ئىشچىلارنى بۇنى ئوبرازلىق قىلىپ «ماي تاغ» دەپ ئاتىۋالغان. 

تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ «ماي تاغ»نىڭ ئۇزۇنلۇقى 228 مېتىردىن ئۇزۇنراقكەن، ئىككى پۇتبول مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلۇقىچىلىك چىقىدىكەن، ئېغىرلىقى 11 دانە قوش قەۋەتلىك ئاپتوبۇسنىڭكى بىلەن تەڭ كېلىدىكەن، بۇنى لوندون تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ «ماي تاغ» دېيىشكە بولىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ماي تاغ 2013-لوندوننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تايمىس دەرياسى ساھىلىدىكى كىڭىستون رايونىدىن بايقالغان «ماي تاغ» نىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. كىڭىستوندىكى بۇ «ماي تاغ»نىڭ ئېغىرلىقى 15 توننا كەلگەنىكەن. 

ئىگىلىنىشىچە، «ماي تاغ» توسۇۋالغان ئەۋرەز يولى ۋىكتورىيە دەۋرىدە ياسالغانىكەن، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.19 مېتىر، كەڭلىكى 68 سانتىمېتىر، 3.5 مېتىر چوڭقۇرلۇققا ياسالغانىكەن. 

نۆۋەتتە، شەھەر مەمۇرىيىتىدىكى سەككىز خىزمەتچىسى يۇقىرى بېسىملىق سۇ تاپانچىسى بىلەن بۇ «ماي تاغ» نى پارچىلىۋېتىپتۇ، ئاندىن بۇ پارچىلارنى تېخىمۇ ئۇششاقلاپ، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا ئېلىپ بارىدىكەن. مۆلچەرىچە، سەككىز ئىشچى ئۈچ ھەپتە ئىشلىسە «ماي تاغ» نى تازىلاپ بولىدىكەن، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەت 1 مىليون فوندستېرلىڭغا يېتىدىكەن. 

ئىشچىلارنىڭ دېيىشىچە،  بۇ «ماي تاغ» نىڭ قاتتىقلىقى بېتوندىن قېلىشمايدىكەن، كۆپ مىقداردا ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلغاندىلا ئاندىن پاكپاكىز تازىلاپ بولغىلى بولىدىكەن. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ئەھۋالدىن تامامەن ساقلانغىلى بولاتتىكەن، لېكىن شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېرىنچەكلىكى سەۋەبىدىن، ئېشىپ قالغان تاماق، زاكالارنى بىراقلا ئەۋرەز يولىغا ياكى تەرەتدانغا تاشلىۋەتكەچكە، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مانا مۇشۇنداق «ماي تاغ» شەكىللەنگەنكەن. 

بۇ ئىشتىن كېيىن، تايمىس سۇچىلىق شىركىتى «ئەخلەت چېلەككە تاشلاش، ئەۋرەز يولىنى توسۇپ قويماسلىق» ھەرىكىتىنى باشلاپ، ئاھالىلەرنى ئىشچانراق بولۇپ، ئەخلەتنى چېلەككە تاشلاشقا، ھەرگىزمۇ تەرەتدانغا ياكى ئەۋرەز يولىغا تاشلىماسلىققا چاقىرىق قىلغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ بىر خىزمەتچىسى مۇنداق دېگەن: «ئەۋرەز يولى تۇرمۇش ئەخلىتى تاشلايدىغان جاي ئەمەس، بىز كۆپچىلىككە شۇنداق دەيمىزكىن، ئەخلەتنى چېلەككە تاشلاڭ، ئەۋرەز يولىنى توسۇپ قويماڭ». 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاۋۇت2 ئاي ئىلگىرى

    تاماقنى تەرەتدانغا تۈكەمدا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号