باش بەت

گۈلنىسا

210يوللانما
12مەستانە

پەقەت 14 كىشىلىك ئورۇن بار، بىر ۋاق تامىقى 780 يۈەنلىك دېڭىز ئاستى تاماقخانىسى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:40 1 ئىنكاس چۈشتى

Ithaa دېڭىز ئاستى تاماقخانىسى مالدىۋېنىڭ راڭگالى(伦格里岛) ئارىلىغا جايلاشقان، بۇ تاماقخانا دېڭىز يۈزىدىن 5 مېتىر چوڭقۇرلۇققا سېلىنغان بولۇپ، خېرىدارلار بۇ يەردە مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە 270 گىرادۇسلۇق دېڭىز ئاستى گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

بۇ تاماقخانىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئاكرىلىك ئورگانىك ئەينەكتىن ياسالغان، ئاشخانىدا تۇرسىڭىز ئۆزىڭىزنى خۇددى دېڭىز ئاستىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز، ئەتراپتا يەنە ھەر خىل ھەر ياڭزا دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى ئۈزۈپ ئۆتىدۇ، بۇ يەردە تاماق يېسە كىشىدە چوقۇم ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرىدۇ.

دېڭىز ئاستى تاماقخانىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بىر ئاددىي كەپە ئۆي بار، كەپە ئۆيدىكى ئايلانما پەلەمپەي ئارقىلىق دېڭىز ئاستى ئاشخانىسىغا كىرگىلى بولىدۇ

سۈرەتتە بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق دېڭىز ئاستى تاماقخانىسىدا غىزالانماقتا.

تاماقخانىنىڭ تۆت ئەتراپى كۆپكۆك دېڭىز سۈيى ۋە ھەر خىل ئوماق دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى بىلەن تولغان. بىر نازىنىن قىز خېرىدار دېڭىز ئاستى تاماقخانىسىدا سۈرەتكە چۈشتى، قارىماققا ئىنتايىن ئۆزگىچە تۇراتتى.

بۇ تاماقخانا پەقەت چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىگىلىنىشچە، بۇ يەردە بىر ۋاق چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە 120 دوللار (780 يۈەن) كېتىدىكەن.

Ithaa دېڭىز ئاستى تاماقخانىسى 2005-يىلى 4-ئايدا تىجارەت باشلىغان، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ دۇنيادىكى تۇنجى دېڭىز ئاستى تاماقخانىسىكەن، بۇ يەرنىڭ ئىستېمال باھاسى شۇنچە قىممەت بولسىمۇ، لېكىن بۇ خېرىدارلارنىڭ قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.

دېڭىز ئاستى تاماقخانىسىنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس، كەڭلىكى 5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 9 مېتىر بولۇپ، بىر قېتىمدا پەقەت 14 خېرىدارلار تەڭ غىزالىنالايدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ تاماقخانا يەنە 20 يىل تىجارەت قىلىلالايدىكەن.

سۈرەتتە تاماقخانىنىڭ قۇراشتۇرۇشقا باشلىغان ۋاقتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • جان قوزام1 ئاي ئىلگىرى

    بېرىشقا ئەرزىگۈدەك يەركەن ، بىر قۇر كىيىمنىمۇ ئالىمىز 700—800ھەتتا نەچچە مىڭغا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号