باش بەت

خەۋەرلەر

2990يوللانما
11مەستانە

ئىدىقۇت رايونى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرگە 1360 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:55 0 ئىنكاس چۈشتى

  ئابدۇخالىق ئابلىمىت، پەرىدىگۈل ۋەلى خەۋەر قىلىدۇ: تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتىن، بۇ كەسىپلەرگە بۇ يىل يېزا – بازاردىن 1360 كىشىنى تەكلىپ بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

 بۇ رايون بۇلتۇر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ بىلەن ‹‹جىنپىن›› ئىلمە توقۇمىچىلىق كىيىم – كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 15 كارخانا بۇ رايوندىكى شىنجاڭ ساياھەت توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كىيىم – كېچەك كەسپىي بازىسىغا ماكانلاشتى. رايون بۇ بازىغا جايلاشقان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ يېزا – بازارلاردىن خادىم تەكلىپ قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە يېقىندىن ماسلاستى. ‹‹جىنپىن›› ئىلمە توقۇمىچىلىق كىيىم – كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خادىم تەكلىپ قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالدىدا ماڭدى. بۇ شىركەت يېزا – بازارلاردىن 100دىن كۆپرەك ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇيلۇق كوچا باشقارمىسىدىن كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئايشەمگۈل ياسىن مۇنداق دېدى: ھازىر بۇ شىركەتكە ئورۇنلىشىپ ئىشلەۋاتقىنىمغا بەش ئاي بولدى، ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى ئېلىۋاتىمەن. بىزدەك ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارغا مۇشۇنداق ئىش ئورنى تېپىپ بەرگەن تەشكىلگە رەھمەت.

 ئىدىقۇت رايونىنىڭ سىڭگىم يېزىسىدىن كېلىپ بۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقان ئادىل ئابلىز ‹‹قوش تىل››لىق بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا ئىشچىلىقتىن ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغانىدىم. بۇلتۇر خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ بۇ شىركەتكە قوبۇل قىلىندىم، ئايلىق ئىش ھەققىم 3500 يۈەندىن ئاشىدۇ. چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، بىزگە خىزمەت تېپىپ بەرگەن تەشكىلگە ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/14/content_619535.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号