باش بەت

خەۋەرلەر

2990يوللانما
11مەستانە

شور كەنتىدىكىلەرنىڭ يېڭىچە تۇرمۇشى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:56 0 ئىنكاس چۈشتى

 پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۈيباغ يېزىسى شور كەنتىگە كەلگىنىڭىزدە، كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىنىڭ ئۇدۇلىغا سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەر كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ مەركەزلەشتۈرۈپ سېلىنغان بۇ ئۆيلەر بۇ يىل بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، تۇرمۇش رايونى، كۆكەرتىش رايونى، باقمىچىلىق رايونى ئايرىلغان، پاكىز، رەتلىك، ئازادە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ ئۆيلەرگە 115 ئائىلىلىك دېھقان كۆچۈرۈلگەن. ھويلىلارغا كۆكتات تېرىلىپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتات بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئۆلچەملىك قوتانلار سېلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.

 شور كەنتى بۇ يىل ناھىيە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كەنت ناھىيەنىڭ گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت مەركىزى ئەتراپىدىكى ۋە چوڭ يول بويىدىكى كەنت، مەھەللە يوللىرى، ئېرىق – ئۆستەڭلەر، ئورمان بەلباغلىرىنى رەتلەش، ھويلا – ئارانلارنى ئۆزگەرتىش مەزمۇن قىلىنغان گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى. سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، تارقاق ئولتۇراقلاشقان 166 ئائىلىنى كەنت ئەتراپىدىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىگە كۆچۈردى. بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، كەنت بويىچە 255 ئائىلىلىك دېھقان تۇرمۇش رايونى، كۆكەرتىش رايونى، باقمىچىلىق رايونى ئايرىلغان، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، پاكىز، رەتلىك، ئازادە تۇرمۇش مۇھىتىغا، كۆكتات ۋە گۆش بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش، ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

 پوسكام ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كۈيباغ يېزىسىنىڭ شور كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى››دىكىلەرگە ياخشى مەسلىھەتچى بولۇپ، شور كەنتىنىڭ گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىگە پائال ماسلاشتى. خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى››نىڭ سەپەرۋەر قىلىشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن، كەنت تەۋەسىدىكى تۆت كىلومېتىرچە توپا يول ئاسفالتلاشتۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ يىل كەنتتىكى 186 نامرات ئائىلىنى ياردەم بېرىش – يۆلەش ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ 5 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن يېڭى ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈردى. ئۇلارنى ھويلا – ئاران ئىگىلىكى، قوغۇن – تاۋۇز، كۆكتات تېرىقچىلىقى ۋە باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلىدى. بۇنىڭ بىلەن كەنتتىكى 200گە يېقىن ئائىلىلىك دېھقان باغۋەنچىلىك، ھويلا – ئاران ئىگىلىكى ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، بورداقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، يازلىق ۋە كۈزلۈك قوغۇن سېتىپ، 600 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى. كەنت بويىچە 80دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچى تەشكىللىك سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، 1 مىليون 260 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يېڭى يولىنى تاپتى. ھازىرغىچە كەنت بويىچە 200گە يېقىن ئائىلە چوڭ – كىچىك تىراكتور، 40تىن ئارتۇق ئائىلە ئاپتوموبىل سېتىۋالدى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/14/content_619536.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号