باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەھۋالىغا نەزەر

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:58 1 ئىنكاس چۈشتى

 ئابدۇراخمان ئابدۇغېنى 

ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 ئېلېكتىرونلۇق سودا (تور سودىسى) ئىنتېرنېت تورىنى ۋاسىتە قىلىپ تىجارەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىنىڭ (دۇكاننىڭ) سېتىش يوللىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، چەكسىز سودا ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان دۇكان تور دۇنياسىدا يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ دىققىتىگە نائىل بولۇشى مۇمكىن. تور سودىسى ماكان، ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

 تور تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، تور ئىستېمالچىلىرىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى رېئال ئەھۋال. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ‹‹تاۋباۋ›› تورىنىڭ ئابۇنىچىسى 200 مىليونغا يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە باراۋەر كېلىدىغان بۇ تور ئابۇنىچىلىرى ئىنتايىن چوڭ بازار ھېسابلىنىدىكەن. نوپۇسى 20 مىليوندىن ئاشىدىغان رايونىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئون ھەسسە چوڭ بازار دېگەنلىك بولۇپ، تور ئابۇنىچىلىرى غايەت كۆپ سودا پۇرسەتلىرىنى يارىتىدۇ.

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قوللىنىش ئەھۋالى

 نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا تور سودىسىدىكى قولاي ھەم ئەپلىك بولغان سودا پۇرسىتىگە سەل قاراۋاتقان كارخانىلار، جۈملىدىن مىللىي كارخانىلار ئاز ئەمەس. گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى سودا پائالىيىتى نىسبەتەن ئاز. ھەتتا كۈندە كومپيۇتېر، تور بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىدىغان كومپيۇتېر مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭمۇ بۇنداق بازارغا سەل قارىغانلىقى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. نۆۋەتتىكى تور دۇنياسى ئاللىقاچان ئىلگىرىكى خېرىدار ساقلايدىغان ئەنئەنىۋى، پاسسىپ سودا ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەيدىغان ئاكتىپ سودا مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

 نۆۋەتتە تور ئىگىلىكى كارخانىلار بىلەن ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلىك سودا يوللىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىستېمالچىلار توپىنى بارلىققا كەلتۈردى. مانا مۇشۇنداق چوڭ ئىستېمال بازىرىنى ئېچىشقا سەل قارىغان كارخانىچىنى مۇنەۋۋەر تىجارەتچى دېگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ، ئەنئەنىۋى سودا ئۇسۇلىغىلا تايىنىپ، يېڭىچە سودا ۋاسىتىسىگە سەل قارايدىغانلار تېز تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.

 مىللىي كارخانىچىلار نېمە ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق سودا يولىغا مېڭىشقا بىپەرۋالىق بىلەن قارايدۇ؟

 مىللىي كارخانىچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئاھالىلىرىگىلا ماس كېلىدۇ، مەملىكىتىمىزدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بۇ خىل قاراش ئېنىقكى، كارخانىنىڭ رىقابەت ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. ئەقىللىق كارخانىچى تور دۇنياسىدىكى بازار ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانداق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى شۇنىڭغا لايىقلاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ئىشلىسە، چوقۇم كەڭ تور ئىستېمالچىلىرىنىڭ دىققىتىگە نائىل بولالايدۇ. تور سودىسى داۋامىدا مەلۇم بىر خىل مەھسۇلاتنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت (مەسىلەن: بىر ئاي) ئىچىدە سېتىلىش مىقدارىنى ئېنىق ئىگىلەپ، شۇنىڭغا ئاساسەن بازار تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلاپ، تورداشلار ياقتۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەمەلىي دۇكاندا سودا قىلىش كارخانىنىڭ ئوڭ قانىتى ھېسابلانسا، توردا سودا قىلىش كارخانىنىڭ سول قانىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ قانات بارغانسېرى كۈچىيىدۇ، كېڭىيىدۇ، ھەتتا ئوڭ قاناتتىنمۇ چوڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

 تۆۋەندە بىز كىيىم – كېچەك كەسپىنى مىسال قىلىپ بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنىپ باقايلى:

 بىز كىيىملەرگە ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئېرىشىمىز، بىرى تەييار كىيىمنى سېتىۋېلىش، يەنە بىرى بۇيرۇتۇپ تىككۈزۈش. بەزى ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىلىرىدا، تېلېۋىزورلاردا چىرايلىق، سۈپەتلىك تىكىلگەن كىيىملەرنىڭ ئېلانلىرىنى كۆرۈپ قالىمىز. ئەمما، سېتىۋالايلى دېسەك بۇنداق كىيىملەر يېقىن ئەتراپتىكى دۇكانلاردىن تېپىلمايدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، مۇنداق كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىگە توپلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا سودا قىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەر – ناھىيەلىرىدە ۋاكالەتچى دۇكان ئېچىشقا قۇربى يەتمەيدۇ ياكى ھەممىلا يەردە ئېچىپ بولالمايدۇ. بۇنداق بوشلۇقنى تولۇقلاشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى توردا دۇكان ئېچىشتىن ئىبارەت. تور دۇكىنى ئارقىلىق جايلاردىكى خېرىدارلارغا بىۋاسىتە مال سېتىپ بەرسە بولىدۇ. خېرىدارلارنىڭ مىللىي كىيىم – كېچەككە بولغان ئېھتىياجىنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە قاندۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىكلەرنىمۇ (مەسىلەن: تونۇر كاۋىپى قاتارلىقلارنى) تورغا يۈزلەندۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ. يەنە تېخى مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى (مەسىلەن: ئەتلەس، خوتەن قەغىزى، سەنئەت تۈسى قويۇق، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە چالغۇ ئەسۋابلىرى) قاتارلىقلارمۇ بار. باشقا مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدىنمۇ بۇ خىلدىكى نەرسىلەرنى ياقتۇرىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن.

 ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر قىسىم ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان كارخانىلار بارلىققا كەلدى. ئەمما، بۇ كارخانىلارنىڭ تۇتقان يولى ئەنئەنىۋى مەھسۇلات، ئەنئەنىۋى سودا ئۇسۇلى بىلەن ئاللىقاچان كۆلەملەشكەن ئەنئەنىۋى مەھسۇلات بازىرىغا قىستىلىپ كىرىش بولۇپ، يول ئىنتايىن جاپالىق. بۇ مەھسۇلاتلارنى تور سودىسىغا ئېلىپ كىرسە ئويلىمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشى مۇمكىن. چۈنكى، تور دۇنياسىدا داڭلىق ماركىدىكى ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ شالغۇت ماركىدىكى نەچچە يۈز يۈەنلىك مەھسۇلاتلارغىچە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

 كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى ئاشكارا ئېھتىياج، يەنى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئايلانغان مەھسۇلاتلارغا بولغان ئەنئەنىۋى ئېھتىياج. يەنە بىر خىلى بولسا يوشۇرۇن ئېھتىياج. يوشۇرۇن ئېھتىياجنى پەقەت كۆزىتىشكە ماھىر كىشىلەرلا بايقىيالايدۇ. مەسىلەن: ھازىر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەردە نەچچە خىل كارتا (يان تېلېفوننىڭ، رەسىم ئاپپاراتىنىڭ دېگەندەك)، بارماق دىسكا، كۆچمە دىسكا قاتارلىقلار بار. بۇلارنى كومپيۇتېرغا چېتىپ ئۆزئارا ماتېرىيال كۆچۈرۈش، نۇسخىلاش ئاۋارىچىلىك. بۇ قولايسىزلىقنى ھېس قىلغان بىر قىسىم ئېلېكتىرون سودىگەرلىرى يۇقىرىقى ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزئارا چاتالايدىغان يىغىنچاق، توپلاشتۇرۇلغان ئىقتىدارغا ئىگە، باھاسى مۇۋاپىق بىر قىسىم ئەپلىك مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدى. مانا بۇلار ئىستېمال ئەنئەنىسىگە ئايلانمىغان، ئەمما، كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئېھتىياجى بار نەرسىلەردىن ئىبارەت. بۇنداق مەھسۇلاتلار دۇكاندا سېتىلسا تەننەرخى ئېشىپ كېتىدۇ. پەقەت تورلا بۇ خىل تاۋارلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سېتىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقاپ، قولايلىق، ئەپلىك مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ تور ئارقىلىق ساتسا پايدا ئالالايدۇ. تور سودىسى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. تور ئارقىلىق قانداق نەرسىلەرنىڭ بازىرى ئىتتىك، قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى كاسات دېگەندەك بىر قاتار ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ ۋە توپلاپ، رەتلەپ، تۈرگە ئايرىپ مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىستراتېگىيەسىنى جانلىق تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئۆز خاھىشى بويىچە زورلاپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كارخانىنىڭ روناق تېپىشىغا پايدىلىق.

 بىزگە مەلۇم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدىغان مىللىي كارخانىلار ئاساسەن كىچىك، ياكى مىكرو تىپتىكى كارخانىلار ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ كۆلىمى كىچىكرەك، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چەكلىك. بۇنداق كارخانىلار تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كېڭىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكچى بولسا ھەر تەرەپلىمە ئىزدەش ئارقىلىق سودا پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. ناۋادا تور سودىسىنى يولغا قويۇپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتسە، كىرىمى ئېشىپ، كارخانىنىڭ كۆلىمىمۇ چوڭىيىدۇ. كارخانىلار پەقەت ئۆزلىرىگە تەۋە كارخانا تور بېتىنى ئېچىپ قويسىلا بولمايدۇ. كارخانا تور بېتى مەھسۇلات توغرىسىدا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىسىمۇ، بىۋاسىتە سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. ئىستېمالچىلار مال سېتىۋالغاندا سودا ھالقىسى تولۇق بولمىغان تور بېكەتلىرىدىن مال سېتىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. شۇڭا كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ‹‹تاۋباۋ››دەك چوڭ سودا قولايلىقى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەتلىرىگە كىرگۈزۈپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يولىنى مەملىكەتكە، ھەتتا دۇنيا بازارلىرىغا تۇتاشتۇرۇشى كېرەك.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/14/content_619544.htm

باش سۈرەت تاللاش x
  • زىبا2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى يېزىپتۇ قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号