باش بەت

خەۋەرلەر

2991يوللانما
11مەستانە

GDP بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئالاقىسى بار؟

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:58 0 ئىنكاس چۈشتى

لىن خويەن

 يېقىندا دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2017 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئېلىمىزنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى پەسىللىك GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.9 بولغان.

 GDP بولسا 20– ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، داڭلىق ئىقتىسادشۇناس سامۇلسون ئۇنى ئاتموسفېرانىڭ بۇلۇت خەرىتىسىگە ئوخشاتقان. ئۇنداقتا بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان بۇ ئىستاتىستىكىلىق كۆرسەتكۈچ بىلەن بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ نېمە ئۈچۈن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن GDP ئىشلىتىلىدۇ؟

 GDPنىڭ بارلىققا كېلىشى ماكرو ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىگە ھۆكۈم قىلىش ئېھتىياجى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى ياكى ئاشقانلىقى، غىدىقلىنىش ياكى كونترول قىلىنىش ھالىتىگە كىرگەنلىكى، ئېغىر دەرىجىدىكى چېكىنىش ھالىتى ياكى پۇل پاخاللىقى بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكى قاتارلىقلارغا ھۆكۈم قىلىشقا، شۇنداقلا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ مۇرەككەپ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار سەۋەبىدىن قايمۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. GDPنىڭ ھېسابلاش دائىرىسى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەممە كەسپىنى قاپلىغان بولۇپ، بىر دۆلەت ياكى رايوندا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىت بۆلىكى ئىچىدە ئىشلەپچىقارغان ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ يىغىندىسىغا باراۋەردۇر.

 GDP بىر خىل ئىستاتىستىكىلىق كۆرسەتكۈچ بولۇش بىلەن بىللە، مۇئەييەن چەكلىمىلەرگە ئىگە. ئۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ سەرپىياتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ سۈپىتى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەقسىماتى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، بايلىقنىڭ زور مىقداردا سەرپ قىلىنىشى بەدىلىگە كەلگەن بولسا GDPنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئاشقان تەقدىردىمۇ خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە بايلىقنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. GDP بىلەن تۇرمۇشىمىزنىڭ نېمە ئالاقىسى بار؟

 بەزىلەر GDPنى پەقەتلا بىر ماكرولۇق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. GDP بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ زىچ ئالاقىسى بار. GDPنىڭ ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئاشقانلىقى ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنىڭ ماس ھالدا ئېشىۋاتقانلىقى، دۆلەتنىڭ باج كىرىمى كۆپىيىپ، ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئىشلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆپىيىپ ئاخىرىدا يەنىلا خەلق ئاممىسىنىڭ نەپكە ئېرىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. GDP بىر خىل ھېسابلاش كۆرسەتكۈچى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتىنى بەلگىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن: ئىستېمالنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ھېسابلاش ئارقىلىق ئىستېمال نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش ھالىتىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ، ئىستېمال نىسبىتى تۆۋەن بولغاندا ھۆكۈمەت جەمئىيەتنىڭ بايلىق تەقسىمات سىياسىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. GDP ئومۇمىي مىقدارى بىلەن دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ سانىدىن پايدىلىنىپ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP ھېسابلاپ چىقىلىدۇ ۋە ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە باياشاتلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىنىدۇ.

 GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

 GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى سەۋەبىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئازىيىپ كەتمەيدۇ، بىرىنچىدىن، دۆلىتىمىز ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىنكى سۈرئەت يەنىلا ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئېشىشقا تەۋە بولۇپ، GDP نىڭ ئومۇمىي مىقدارى يەنىلا ئېشىپ بارىدۇ، بۇ، مۇقەررەر ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككىنچىدىن، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىش تەرەپكە ماڭىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە 3 – كەسىپنىڭ تۆھپىسى چوڭ بولۇپ، 2 –كەسىپ ئۇنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ، 1 – كەسىپ ئەڭ ئارقىدا تۇرىدۇ. دۆلىتىمىزدە 3 – كەسىپنىڭ كۆلىمى ئاللىقاچان 2 – كەسىپتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 3 – كەسىپ سالمىقىنىڭ ئىزچىل زورىيىشىغا ئەگىشىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ‹‹ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش›› دولقۇنىدا نۇرغۇن مىكرو، كىچىك كارخانا مەيدانغا كەلدى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىشكە ئالاقىدار سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

نىجات قۇربان تەرجىمىسى

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/14/content_619545.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号