باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

كۇچا ناھىيەسىدە ئالدىنقى 8 ئايدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10مىڭ كىشىگە يەتتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 17:10 0 ئىنكاس چۈشتى

  ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، يېزا – كەنت، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 10 مىڭ 94 كىشىنى كۇچا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

 چىمەن بازىرىدىكى سىدىق مىجىت كىچىكىدە كېسەل سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قالغان، ئائىلىسى نامرات ئىدى. بۇ يىل 3 – ئايدا ئۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش رايونىدا كىيىم – كېچەك تىكىش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ‹‹مەرىيەم›› كىيىم – كېچەك سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلاشتى.

 كۇچا ناھىيەسىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش رايونىغا 20 نەچچە كىيىم – كېچەك كارخانىسى جايلاشقان بولۇپ، بۇ كارخانىلار تەرەققىي قىلىپ زورايغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى.

 كۇچا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇ بېيبېي مۇنداق دېدى: تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش، كۇرس ئۇيۇشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى بېكىتىش، ئىككى تەرەپنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سۇپا قۇرۇش ئارقىلىق بۇ يىل 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تەرەققىيات رايونى تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10 مىڭ 94 كىشىگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 603كە، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 535 كىشىگە يەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۇرۇشلۇق جايدىكى 2000دىن كۆپرەك ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-09/14/content_619538.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号