باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممەمگە ئالىمەن

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:53 0 ئىنكاس چۈشتى

 ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت–دىن ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر (ئىدارەباشلىقى) تۇرغان پىدا

 يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››تا پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئورتاق ساداسىنى قوزغىدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ھەققانىيەت تاشقىنى مۇجەسسەملەندى. نۆۋەتتىكى ۋەزىپە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ھەقىقىي قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارغا داۋاملىق ئاستىرتىن شۇملۇق قىلىشقا پۇرسەت بەرمەسلىك. بۇ ھازىرقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە.

 چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق ئالدىدا ئۇيغۇر كادىرلار چوقۇم دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش پوزىتسىيەمىزنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە، پۈتكۈل جەمئىيەتكە پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇش ئىرادىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە چەكسىز نەپرەتلىنىمەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دىنىي ئەسەبىيچى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىققان مۇناپىقلارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلغانلىقىغا چەكسىز غەزەپلىنىمەن. بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويمايمىز، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇيۇق يولغا باشلىشىغا تېخىمۇ يول قويمايمىز.

 جۇڭخۇا مىللىتى بىر پۈتۈن گەۋدە، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنى تەشكىل قىلغان ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىش جۇڭخۇا مىللىتىنى تەشكىل قىلغان ھەر قايسى مىللەتلەرنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقتۇر. ‹‹مىللەت›› ۋە ‹‹دىن›› نىقابى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر دائىم ئىشلىتىدىغان نىقاب، ئۇلار دائىم ‹‹مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش››نى بايراق قىلىدۇ ياكى ‹‹دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچى›› قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇلار يوشۇرۇنۇۋېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش ۋە زىيان يەتكۈزۈش خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇلار كۆرۈنۈشتە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ، ئەمما ئاستىرتىن دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلار سەھنىدە بىر خىل، سەھنىدىن چۈشكەندە يەنە بىر خىل بولىدۇ. بولۇپمۇ، رەھبىرىي كادىرلار ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› رەزىل ئىدىيەسىدە بولسا، ئۇلار جەمئىيەتتىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قوللاپ، قوغداپ ھەتتا ئۇلارغا بېشارەت بېرىپ، ئۇلارنى كۈشكۈرتۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر توپىنىڭ كاتالىزاتورىغا ئايلىنىدۇ، ئۇلار جەمئىيەتتىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ قۇۋ–ھىيلىگەر بولۇپ، زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەككى، پارتىيەنىڭ كادىرى قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەكىلى، ھەرگىزمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس. ‹‹دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش››نى باھانە قىلىپ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس. پارتىيەنىڭ كادىرلار قوشۇنىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە ئۇنى قوللىغانلار ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز ئۇلارنىڭ ‹‹مىللەت›› ۋە ‹‹دىن›› نىقابىغا ئالدىنىپ قېلىشتىن، بۇ مەيدان كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى ۋە ئۆتكۈرلۈكىنى ئېنىق كۆرەلمەي قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك.

 ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىشنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ھازىرقى ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھەم ئاساسىي خىزمىتى قىلىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇزاققىچە بوشاشماسلىقىمىز كېرەك. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئىجتىمائىي كەيپىياتقا چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقىتىش خىزمىتىدە، مۇھىمى ئۆزىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئېڭى، ئاڭلىقلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىمىزدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئارقىلىق ساغلام، مەدەنىي بولغان مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەشەببۇسكارلىق، ئاڭلىقلىق بىلەن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىناق يۇغۇرۇلما مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

 ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ خىلمۇ خىل ئىپادىسى ئىچىدە ئەڭ يادرولۇق مەسىلە سىياسىي مەيدان ۋە سىياسىي پوزىتسىيە مەسىلىسىدۇر. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار كىشىگە ئېيتقىلى بولمايدىغان مەيدان ۋە پوزىتسىيەگە ئىگە بولۇپ، كۆرۈنۈشتە بىر خىل، ئاستىرتتا بىر خىل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشتە بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۆزلىرىنى نىقابلاش ھەتتا سىياسىي دەسمايىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈندۇر، ئەمما ئۇلار ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ كىشىگە ئېيتقىلى بولمايدىغان غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلار قانداق نىقابلىنىۋالسۇن، قانداق دەبدەبىلىك سەۋەبلەرنى كۆرسەتسۇن، ئەمما ئاخىرقى مەقسىتىنى ھامان يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، ھەر قانداق مۈجمەل، ئىككى بىسلىق، توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە خاتا بولغان كۆز قاراشلاردىن ئەكس ئېتىدىغان پوزىتسىيە ناھايىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ ئۆلگىچە نىيىتىدىن يانماي بۆلگۈنچىلىك قىلىشتۇر.

 ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىشتا، چوقۇم پولاتتەك ئىنتىزام بولۇشى كېرەك، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى تۆۋەن چەك، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا دەخلى–تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر كىم بۇ تۆۋەن چەككە جەڭ ئېلان قىلىشقا پېتىنىدىكەن، ئۇ ئورنىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن، ئىلگىرى قانداق ناملارغا ئىگە بولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قىلچە رەھىم قىلماستىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بۇنى مۇقىملىقنى چوڭقۇر قاتلامدىن قوغداش، كادىرلار قوشۇنىنى چوڭقۇر قاتلامدىن تۈزەش، ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنى چوڭقۇر قاتلامدىن بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى قىلىش كېرەك. كەسكىن، مۇرەككەپ، ھايات–ماماتلىق بولغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ھېچكىم مۇستەسنا ئەمەس، ھەر بىر كادىردا چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭى بولۇشى كېرەك. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى بايقاش سىياسىي سەزگۈرلۈك، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيەت. پىرىنسىپ جەھەتتە قائىدە سۆزلەيدىغان، ئەمما ئەمەلىي كۈرەشتە ئۆزىنى ئاياشنى ئاقىلانىلىك بىلىدىغان، ئەمەلىي مەسىلىلەرگە تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، كونكرېت مەسىلىلەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە سىياسىي پەزىلىتىدە مەسىلە بار.

 ‹‹ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئادەمنىڭ شۆھرىتى دۇنياغا تارقىلىدۇ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان ئادەمگە ھەممە لەنەت ئوقۇيدۇ›› دەيدىغان ماقال بار. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىزنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىمىز. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ مۇھىم خىزمەت، شۇنداقلا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ چىن، قەتئىي ئىرادىسى. مىللەت، دىن خىزمىتى سېپىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، مەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە مىللەت، دىن خىزمىتىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى داۋامىدا مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، خەتەردىن قورقماي، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي مۇرەسسە قىلماي كۈرەش قىلىپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن!

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-09/13/content_619206.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号