باش بەت

Apple

80يوللانما
6مەستانە

چىرايغا تايىنىپ جان باقىدىغان زامان كەلدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 18:30 22 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەسلىي تېما: چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىش دەۋرى راستتىنلا يېتىپ كەلدى

كىملىك ھەم بانكا كارتىسى ئىشلەتمەي، ئالدىڭىزدىكى كۆزنەككە قاراپ بىر «چەكچىيىپ» كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلىپ پۇل ئېلىش ئەمدى خىيال ئەمەس، بۇ ئەمەلگە ئاشتى. خاتا ئاڭلىمىدىڭىز، چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىش دەۋرى ئاخىرى كەلدى.

يېقىندا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى «چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىش» تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن ئىككى دانە پۇلئالغۇ (ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى)نى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى، دېمەك ئەمدى ئابۇنتلار كارتا كىرگۈزمەي، پەقەت يۈزنى تونۇتۇپلا پۇل ئالسا بولىدۇ.

 

خەير خوش بانكا كارتىسى!

بۇ ئاجايىب تېخنىكا بۈگۈنكى كۈندە نيۇيوركتا، لوندون، پارىژلاردا ئەمەس، دەل ئېلىمىزنىڭ گۇيياڭدا بارلىققا كەلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىقتىدار گۇيياڭدا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە  پۈتكۈل ئۆلكىنى قاپلايدىكەن.

ئەمدى ئابۇنتلار بانكىنىڭ ATM ماشىنىسى ئالدىدا كامېراغا قاراپ، ئاندىن يانفون نومۇرى، پۇل ئېلىش سوممىسى ۋە شىفىر قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ماشىنىدىن چىقرىلغان نەق پۇلنى ئېلىپ كېتەلەيدۇ.

تەپسىلىي مەشغۇلات جەريانى تۆۋەندىكىدەك:

سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىدىكى «چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىش»نى تاللايسىز

تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن مۇقىملاش كۇنۇپكىسىنى باسىسىز

كىملىك ياكى يانفون نومۇرنى كىرگۈزىسىز

بۇ چاغدا سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا كىملىكتىكى رەسىم بىلەن بىردەكلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، بىردەكلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خېرىدار قايسى كارتىدىن پۇل ئالسا شۇنى تاللاپ، پۇل سانىنى كىرگۈزۈپ نەق پۇل ئالالايدۇ.

 

يېزا ئىگىلىك ۋە سودىگەر چاقىرىش بانكىلىرى چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى

يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ پۇلئالغۇسىدىن چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئىجادىي سىناق ھېسابلىنىدۇ. ھازىرچە خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن نۆۋەتتە چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىش تۈرىدە بىر كۈندە پەقەت 3000 يۈەن پۇل ئالغىلى بولىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە يېزا ئىگىلىك باش بانكىسى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بارلىق شۆبە بانكىلارغىچە كېڭەيتىش خىزمىتى باشلىغان. نۆۋەتتە 16 يېزا ئىگىلىك شۆبە بانكىسىدا 470 ئۈسكۈنە قۇراشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشكەن. يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن باشقا سودىگەر چاقىرىش بانكىسىمۇ 2016–يىلىلا مەملىكەت ئىچىدىكى 106 شەھەردىكى نەچچە مىڭلىغان ATMلاردا «چىراي تونۇتۇش» ئىقتىدارىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىش بىخەتەرمۇ؟

بۇ مەسىلە توغرىسىدا، يېزا ئىگىلىك بانكىسى مۇنداق دېگەن: بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك بانكىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 37 تارماق بانكىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى سۇپىلىرىدا ئادەم چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلەتكەن. بىر يىلدىن ئارتۇق بىخەتەر ۋە مۇقىم خىزمەت قىلغان بۇ تېخنىكا «چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىش»تا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

بۇ قېتىم يېزا ئىگىلىك بانكىسى «چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىش» تېخنىكىسىغا پۈتۈنلەي ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تىرىك توقۇلما تەكشۈرۈش كامېراسى سەپلەنگەن بولۇپ، رەسىم، چىراي ئالماشتۇرۇش، نىقاپ، چىراي ئوخشىتىش قاتارلىقلارنى يالغانچلىق ۋاستلىرىنى پۈتۈنلەي پەرقلەندۈرەلەيدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا تىنچ ياكى ھەرىكەتتىكى تىرىك تەن، كالپۇك تىرىك توقۇلمىسىغىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدىكەن.

 

چىرايغا تاينىپ جان باقىدىغان زامان يېتىپ كەلدى

ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئايروپىلان ۋە پويىز ئىستانىسىلىرىدا چىراينى تونۇتۇپ ئۈتۈش ئىشقا كىرىشتى، دېمەك چىراي سىزنىڭ ئەڭ مۇھىم كىملىكىڭىز بولۇپ قالدى. چىراي تونۇتۇپ پۇل ئېلىش بانكا كارتىسىدىن خوشلىشىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ، چىراي بىلەن جان باقىدىغان زامان يېتىپ كەلدى دېگەن گەپ.

21-ئاۋغۇست، ۋۇخەن پويىز ئىستانىسىدا يولۇچىلار ئومۇمىيۈزلۈك چىراي تونۇتۇپ بېكەتكە كىرىدىغان بولدى.

23-ئاغۇست، بەيدۇ بىلەن پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا چىراي تونۇتۇپ ئايروپىلانغا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

1-سېنتەبىر، ئەلى چىقىمدانى چىراي تونۇتۇش تېخنىكىسىنى سودىدا ئىشلەتكەن.

 

5-سېنتەبىر، مۇخبىر خاڭجۇدىكى كۆپ قىسىم مېھمانخانىدا كىملىك ئىشلەتمەي، چىراي تونۇتۇپ مېھمانخانىغا چۈشكەن.

6-سېنتەبىر، خۇيفېڭ بانكىسى چىراي تونۇتۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

دەۋرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى بىز ئويلىغاندىنمۇ تېز بولماقتا. قىسغىنە يېرىم ئاي ئىچىدە چىراي تونۇتۇش ئىقتىدارىغا نۇرغۇن مەزمۇنلار قوشۇلۇپ كەتتى. كىملىك، ئايروپىلان بېلىتى، پويىز بېلىتى، يول خېتى، ھەتتا كوچىدىكى سودا سارايلاردىمۇ بىر قاراپ چىقىم قىلدىغان بولۇپ كەتتى.

يانفون، بانكا كارتىسى، نەق پۇل قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەي، تاماق يېگەندە، نەرسە سېتىۋالغاندا، نەق پۇل چىقارغاندا چىرايغا تايىنىدىغان زامان يېتىپ كەلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • huojia532*3 كۈن ئىلگىرى

    تاياق يەپ پۇل لازىم بولغاندا ئەلۋەتتە چىقىمنى ئۇرغۇچى قىلىدۇ-دە.تاياق يىگۇچىلەر غەم قىلمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ…………

  • قۇتلۇق5 كۈن ئىلگىرى

    ئوغىرلارغا ئاسان بولغىدەك ،
    تۇتۇپ ئاپىرىپ چىرايىنى كۆرسەتسىلا بولغۇدەك.

  • سىمبۇرۇت5 كۈن ئىلگىرى

    چىراي تۇنۇشتا سىلەر ئويلىغان ئۇ مەسىللەرنى ، ATM ياسغانلار چۇقۇم ئويلۇشۇدۇ

  • سېنىڭ راس5 كۈن ئىلگىرى

    ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاڭلار دوسلا

  • ئالىيە5 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە كۆزنى ئاساس قىپ تۇرۇپ تونۇمدىكىن دەيمەن يەنە تىلفۇن نۇمرى ياكى كىملىك نۇمرىنى كىرگۈزدىكەنغۇ

  • Btf*-*5 كۈن ئىلگىرى

    قىزلاغا راسلام تەس بولغۇدەك گىرىم قىلماي بارسا پۇل ئالامماي

  • لاسۋىگاس5 كۈن ئىلگىرى

    كۈلۈپ ياشا دىگەن تورداش راس گەپ قىلدىڭىز قىزلاغا چاتاق بوپتۇ

  • ئەركىيار5 كۈن ئىلگىرى

    ئەمدى قىز ئاياللىرىمىزغا تەس بولغۇدەك ئۇلار گىرىم قىلىپ ياكى چاچلىرىنى ھەر خىل شەكىلدە چۈشسە ئاپىرات تۇنىيالمايدۇدە ھې ھې ئادەتتىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا قىز ئاياللارنىڭ ئۈتىشى بەك تەس ئۈچ تۆت قېتىم رەسىمگە چۈشكەندە ئاران ئۈتەلەيدۇ بەزىلىرى تېخى ئۈتەلمەيدۇ چىرايىنى تۇنىيالماي

  • 138******595 كۈن ئىلگىرى

    دوختۇرخانا تۆلەم تۆلەپ بېرىشى كېرەك

  • 150******255 كۈن ئىلگىرى

    ئاياللار گىرىمىنى يۇيۋەتسە.....

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号