باش بەت

نۇسرەتگۈل

6502يوللانما
55مەستانە

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 17:08 73 ئىنكاس چۈشتى

1. ئەيدىز ۋىرۇسى يۇققاندىن كېيىن ھېچقانداق كىلىنكىلىق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت قان ئارقىلىقلا تەكشۈرگىلى بولىدۇ. يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تەخمىنەن %90 ئادەم ئەيدىز ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر گىرىپتار بولمايدۇ. بىراق بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن، كېسەللىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ياكى يارىلانغان ئەھۋاللاردا ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

2. ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك يىغىندى كېسەللىكلەر: بىمارنىڭ چات يېرىقىدىكى لىمفا تۈگۈنىنىڭ سىرتىدا سەۋەبسىز ئىششىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا قىزىش، چارچاش، ئىشتىھاسىزلىق، ئورۇقلاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ئۇزۇن مۇددەت ئىچى سۈرۈش، كېچىدە قارا تەرگە چۆمۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەردىن ئىككىسى بايقالسا، ئۇنىڭغا «ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك يىغىندى كېسەللىكلەر» گە گىرىپتار بولغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. بەزىلەر مۇشۇ باسقۇچتا توختاپ قالىدۇ، يەنە بەزىلەر رەسمىي ئەيدىز بولۇپ قالىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاجايىپ22 سائەت ئىلگىرى

    ياخشىمۇ سىلەر نۇرداشلار مەن يېڭىلا كىرگەن ھەممىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن

  • چىچەك1 كۈن ئىلگىرى

    ئابدۇ0998نۇرداش ياخشىمۇسىز ئەھۋالىمنى سوراپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،،مىنىڭ ئەھۋالىم ھازىر خىلى ياخشى ،مىنىڭچە بۇ كىسەلدە كەيپىيات ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن شۇڭا بارلىق يۇقۇملانغان ۋە گۇمانلىق دوسلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىشىنى ئۆزىنى ئەركىن ئازادە تۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم مۇشۇ سەھپىدە ئىنكاس يىزىۋاتقان بارلىق نۇرداشلارغا بەخت ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن

  • 09981 كۈن ئىلگىرى

    خەيرلىك كەچ مۇشۇ ۋاختڭلا خەيرلىك بوسۇن دوسلا مەن يىڭلا كىرگەن بارلىق يۇقۇملانغۇچلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن كۈنلىرڭلانىڭ خۇشال خۇرام ئۆتۈشنى ئۈمىت قىلمەن!

  • manze1 كۈن ئىلگىرى

    ئەندىشە،،،، ناھايتى توغرا گەپ قىلدىڭىز جۇمۇ،،،،

  • تېنىگەن كۆڭۈل2 كۈن ئىلگىرى

    تەكشۈرۈش قەغىزىدىمۇ ئاساسەن توغرا چىقىدۇ،

  • ئابدۇ 09982 كۈن ئىلگىرى

    ھەي بالىلار،بۇ يەردە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئىشەنمەي سورىغان سۇئاللار بەكلا كۆپ ئىكەن،شۇنداق تەكشۈردىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ئاۋارە بولغۇچە تەكشۈرۈش ھەقسىز بولغاندىن كىيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىڭلار،نەگىلا قارىسا مەندە ئالامەتلىرى كۆرۈلىدى،مەن گۇمانلانغۇچى دىگەن خەتلەر يېزىلغان
    ئەڭ ياخشىسى ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ ئاۋۇ بولغۇچە،رىئاللىققا يۈزلىنىپ فاڭىزەنگە بىرىپ تەكشۈرتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
    كىچىككىنە يەل تاشما ۋەياكى
    دانىخورەك چىقسا ئەنسىرەپ تۈگىشىپ كىتىدكەنسىلە ،مىنىڭچە ئەردەك قوقماي بىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

  • ئابدۇ 09982 كۈن ئىلگىرى

    بارلىق دوسلارغا سالام ،ھەممىمىزنىڭ تىنى سالامەت ،ئۆمرىمىز ئۇزۇن بولسۇن .......
    مەن بىزدەك يۇقۇملانغان دوسلارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ۋە غەمخورلۇق قىلۋاتقان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن ......
    شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ كىسەل ئۈستىدە توختىماي تەتقىقات ئېلىپ بىرىۋاتقان ئالىملارغا ۋە دىلبەر ياسىن خانىمدەك دوختۇرلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن

  • ئارىفە2 كۈن ئىلگىرى

    مىھمان ،ھەممە ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ، ئاز بولغاندا 6ھەپتىدە،ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ ئايدا، ساق چىقساڭلار خاتىرجەم بولساڭلار بولىدۇ،قالغان نۇرداشلار دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈڭلار،فاڭيىزەنمۇ بولىدۇ،ھەرقاندا دوختۇرخاندا تەكشۈرتسەڭلار بولىۋىرىدۇ،ئەمدى بۇ كىچىك كىسەل بولمىغاندىكىن ياخشىسى شەخسىي ئامبولاتورىيەگە كىرىپ ئاۋارە بولماي ھۆكۈمەتنىڭلام بولسا كىچىك سەھرادادىكى دوختۇرخانىمۇ توغرا چىقىرىپ بىرىدۇ، قان ئالغان دوختۇرغا ئەسكەرتىپ قويۇڭ بىشىدا تۇرۇپ،ئەستايىدىل كۆرۈپ بىرىڭ خاپا بولماي دەپ،بۇنداق دەپ قويساڭلار ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كىلىدۇ ،كەلسىمۇ سەل كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈرەيدۇ

  • manze2 كۈن ئىلگىرى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسىتلار،،، تەكشۈرۈش قەغىزىنى تاۋباۋدىن سىتىۋاغىنى بولامدا،،، نىمدەپ كىرگۈزىدۇ بىلدىغانلا دەپ بەسەڭلا

  • ئەندىشە2 كۈن ئىلگىرى

    ئاجايىپ ئادەملە باكەن، دوختۇر ساقكەنسىز دىسە مەن كىسەلتىم دەپ تۇرۋالدىغان، نىمىش قىلىسلە جاننى قىناپ ، مەنمۇ بۇ كىسەل ئىكەنلىكىمنى بىلمەستە ھىچ قانداق ئالامەت كۇرۇلمىگەن ، ئۇققاندىن كىيىن كۇرۇلدى، بەك ئويلاپ كەتسە شۇنداق بولدىكەن،
    مۇشۇ تاپتا مىنى بىرەر دوختۇر ساقكەنسىز دىسە خوشاللىقتا يۇركۇم يېرلىپ كىتەرمۇ دەپ ئويلاپ كىتىمەن، ئۆتكۇر تىغ بىلەن تۇمۇرلىرىمنى كىسىپ ۋىروس با قاننى پۇتۇنلەي چىقىرۋىتىپ ساق قانغا ئالماشتۇرغۇم كىلىدۇ، پۇتۇن بەدىنىمنى تۇمەن مىڭ قۇرت غاجىلاۋاتقاندەك، ئۆمۇر يۇلۇمنى ۋىرۇستىن ئىبارەت قورقۇنۇچلۇق يالماۋۇز ئاستا-ئاستا ئىسكەنجىسكە ئېلىپ قاراڭغۇ زۇلمەت قوينىغا بەنىت قىلۋەتكەندەك ھىس قىلىمەن،
    باشقىلا چىرەيمىزغىمۇ قارمايدىغان ، كەمسىتىدىغان، ھەتتا ئۆلگەندىن كىيىنمۇ ھەتتا مىيتىمىزنىمۇ باشقىلا يۇيۇشتىن ئەيمىندىغان، ئىشلەتكەن نەرسىلىمىزنى پۇتۇنلەي كۆيدۇرۋىتىدغان، يىغلاپ ياش ئىقىتىش ھۇقۇمىزمۇ، يوق مۇشۇنداق كىسەلگە گىرىپتار بوپ قالغىنىما ھازىرغىچە ئىشەنگىم كەممەيدۇ، ھەتتا بىزنىڭ ئۈلۋىلىش ھۈقۇقىمىزمۇ يوقكەن، مەن ئەسلى ئۆلۋالاي دەپمۇ ئويلىغان لىكىن ھازىر، سەۋەپسىز ئۈلۋالغان ئادەملەنىمۇ قانۇن دوختۇرى نەچچە كۇن تەكشۇرۇپ سەۋەبنى ئىنىقلايدىكەن ، شۇ كىسەلدىن قورقۇپ ئۈلۇپتۇ دەپ ۆيدىكىلەگە ئۇقتۇرۇشتىن قوقتۇم، ئىشقىلىپ، بىر ئەينەك قۇتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ياشاۋاتمەن، ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، خوش بولماي كەچكىچە مەندە كىسەل با دەپتۇرۋالدىكەنسىلە ، قانداق ئىديە بۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号