باش بەت

گۈلنىسا

140يوللانما
7مەستانە

ھىندىستانلىق ئايال 60 يىلدىن بۇيان سۇ ئىچىپ، ھەپتىسىگە بىر تال بانان يەپ كۈن ئالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 17:33 7 ئىنكاس چۈشتى

  ھىندىستاندىكى 75 ياشلىق ئايال ساراسۋاتى باينىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۆتكەن 60 يىلدا ئەزەلدىن گۈرۈچ ۋە باشقا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يەپ باقمىغان، ھەپتىدە بىر تال بانان يېگەندىن باشقا، پەقەت سۇلا ئىچكەن.

 ساراسۋاتى باينىڭ دېيىشىچە، كىچىك ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكى نورمالكەنتۇق، لېكىن 60 يىل ئىلگىرى تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا كېزىك بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ گېلىدىن ھېچنېمە ئۆتمەيدىغان، ئاشقازىنى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان، شۇڭا ئۇ يېمەكلىك يېيىشتىن ۋاز كەچكەن. كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ چاي ئىچكەن، لېكىن ئۇنىڭ ئىشتىھاسى شۇنىڭدىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلمىگەن. يولدىشى ئۇنى بىر نەرسە يېيىشكە ئۈندىگەن بولسىمۇ، ئۇ قىلالمىغان. ئۇ سۇغا تايىنىپمۇ ناھايىتى ياخشى ياشىغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە مۇشۇنداق ياشىغان.

يولدىشى بىر مەھەل ئۇنىڭغا بىر نەرسە يېگۈزۈشكە ئۇرۇنغان ۋە ئۇنى دوختۇرغا كۆرسەتكەن، لېكىن پايدىسى بولمىغان. كېيىن ئايالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى كۆرۈپ دەۋەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەن. ساراسۋاتى كېيىن يەنە 4 بالا يەڭگىگەن ۋە ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇ يەنە دائىم يولدىشى بىلەن بىرگە ئەمگەك قىلغان. ساراسۋاتىنىڭ دېيىشىچە، يېمەك-ئىچمىكى نورمال بولمىسىمۇ، لېكىن زېھنىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن، بۇ يىل تېخى 75 ياشقا كىرىپتۇ، ئېتىزدا كۈندە 5 سائەت ئىشلەيدىكەن. ساراسۋاتىنىڭ ھېكايىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان، لېكىن ئۆيىدىكىلىرى ۋە قوشنىلىرى بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سىراج5 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئايالنىڭ 15ياشقا كىرىپ تۇنجى بالامنى يەڭگىدىم دىگىنىگە مەن ئىشىنىمەن چۈنكى مىنىڭ ئاناممۇ 15 ياشتا چوڭ ئاكامنى يەڭگىپتىكەن ،

  • 帅哥2175 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىسى يالغان بۇ خەق مانا مۇشۇنداق گەپلەنى قىلىپ خەلىقئارادا نام چېقىرىشنىلا ئويلايدۇ ما شارۇلخاننىڭ يۈزىنى قىممىسام خېلى گەپ با مايەدە

  • يىگانە5 كۈن ئىلگىرى

    60يىلنىڭ ئالدىدا 14--15ياشلاردا تۇغدىغان ئىشلار بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ باركەنتۇق،مومىلىرمىز شۇ ياشتا تۇغۇپتىكەن

  • ئاشىق يىگىت5 كۈن ئىلگىرى

    60 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ15 ياشتا ئىكەن ئۇ تۇغدى دىسە سەل يراشماي قالدىمۇ يا

  • 浪漫男孩儿5 كۈن ئىلگىرى

    ساختا ،،
    ئىنىق كۈزۈتۈپ تۇردىغان ئادەم بولمىغانكىن ئىغزغا كەلگەنى دە ۋىردۇ ،،
    60 يىل تىخى ،،ئۆزىمۇ كىرگەندۇ 60 قا ،،
    ئىلمى ئاساسى يوق

  • nur5 كۈن ئىلگىرى

    بىر ئېغىز گەپ توۋا...ئىشىنەي دىسە تېخى ،ئىشەنمەي دىسە تېخى ...

  • تېنىچ ئوكيان يولۋىسى5 كۈن ئىلگىرى

    ھىندىلار زادى قانداق ئىنساندۇ ھەيران قالدىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号