باش بەت

ئەخمەتجان

1532يوللانما
65مەستانە

ھىندىستان يېزىلىرىدا ئاياللار ئەردىن ئاشقان تاماقنى يەيدۇ، ئەر كەلمىگۈچە تاماققا ئېغىز تېگەلمەيدۇ

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 17:14 3 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

«BBC» ئاخباراتىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندا نەچچە يۈز يىلدىن بېرى مۇنداق بىر ئادەت داۋاملىشىپ كېلىۋېتىپتۇ، يەنى ئۆيدە ئەر بىلەن بالىسى ئاۋۋال تاماق يەيدىكەن، ئايال چوقۇم ئۇلار يەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يەيدىكەن، ئايال ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالسىمۇ يەنىلا شۇنداق قىلىدىكەن. بۇ ئادەتنىڭ قاچانلاردا، قەيەردە ياكى قانداق باشلانغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن، خۇددى ئاتىلىق ھوقۇق تۈزۈمىگە ئوخشاش، بۇ ئادەت ھىندىستانلىقلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىكەن. 

سۈرەتتە، مانشۇ دامورنىڭ كېلىنى، ئۆينىڭ كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش دېگەندەك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ قىلىدۇ. 

بۇ يەردە، ياشانغانلار تاماق تارتىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئىلاھلارغا ۋە ئۆيىدىكى كالىغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ، ئەمما بۇ يەردە ئاياللارنىڭ كالىچىلىكمۇ ئورنى يوق. مۇبادا، يولدىشى ئۇ-بۇ ئىش سەۋەبلىك تاماققا كېچىپ قالسا، ئاياللار تاكى يولدىشى كەلگۈچە ساقلاپ تۇرىدۇ، مەيلى قانچىلىك ئېچىپ كەتسىمۇ تاماق يېيىشكە پېتىنالمايدۇ. ئۇلار ھەر دائىم يولدىشى تاماق يېگەن قاچىدا، يولدىشىدىن ئاشقان تاماقنى يەيدۇ، دەل مۇشۇ ناچار ئادەت سەۋەبلىك مىليونلىغان نامرات ئائىلىدە ئاياللارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ. مانشۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر چۈشلۈك تاماققا كۆكتات، ياپىلاق پۇرچاق شورپىسى ۋە قولدا پىشۇرۇلغان قوتۇرماچ يەيدۇ. 

شەھەر، مەكتەپ قارىسى كۆرگەن ياكى خىزمىتى بار ئاياللار ئۆزىنىڭ يېگۈسى بار نەرسىلەرنى تويغۇچە يەيدۇ، ئەرلەرنى ئاۋۋال تاماق يېيىشنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئەرلەردىن ئاشقان تاماقنى يەيدىغان بۇ ئادەت بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، بولۇپمۇ يېزىلاردا بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر. 

خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى ھىندىستان ئاچارچىلىق فوندى ۋە ھىندىستان يېزا فوندى، راجىستان ئىشتاتىدا ئوزۇقلۇق تۈرىنى يولغا قويغان، مەزكۇر تۈرنىڭ ئەزاسى ۋاندانا مىشرا مۇنداق دېدى: «بەزىدە ئاياللار تاماققا ئەمدىلا ئېغىز تەگكەندە، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەرلەر پاكپاكىز يەپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تويغۇدەك تاماق يېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، ئۆينىڭ باشقا ئىشلىرىنى قىلىشقا تۇتۇنىدۇ. بەك قورسىقى ئېچىپ كەتسە، يولدىشىدىن ئاشقان قوتۇرماچقا ئازراق تۇز سېپىپلا يەيدۇ. بۇ يەردە تېرىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما ئاياللارغا بۇنىڭغا ئېغىز تېگەلمەيدۇ». 

بۇ ناچار ئادەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، راجىستان ئوزۇقلۇق تۈرى ناھايىتى ئاددىي، ئەمما ئۆزگىچە تەدبىردىن بىرنى يولغا قويغان، يەنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بىللە تاماقلىنىشقا ئىلھاملاندۇرغان. ئامباپارا ھىندىستاندىكى ئەڭ نامرات كەنتلەرنىڭ بىرسى، بۇ يەردىكى %98 ئادەم ھېلىھەممۇ ئوچۇقچىلىققا تەرەت قىلىدۇ، قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپلا توي قىلىش ھادىسىسى بەك ئېغىر، ساۋاتلىقلار يوق دېيەرلىك، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزنى يېپىپ يۈرىدۇ. شۇڭا، راجىستان ئوزۇقلۇق تۈرى خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بىللە تاماقلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئىنقىلابىي قىلمىش دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئەرلەر قوبۇل قىلمايلا قالماستىن، ئاياللارمۇ ناھايىتى ھەيران قالغان. خىزمەتچىلەر بىر مەھەل نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن، كەنتتىكى بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يېڭىچە تاماقلىنىشنى سىناپ بېقىشقا باشلىغان. 

مەزكۇر تۈرنىڭ ۋاقتى ئىككى يىلكەنتۇق، يېنىدا تۈرنىڭ ۋاقتى توشقان. تۈر نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، خىزمەتچىلەر ئامباپارات كەنتىنى تەكشۈرۈش كۆرگەن. ئۇلار مانشۇ دامورنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مانشۇنىڭ ئايالى ۋە كېلىنىنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى بىلگەن. 

مانشۇ خىزمەتچىلەرگە مۇنداق دېدى: «مەزكۇر تۈر يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، مەن توي قىلغىلى 35 يىل بولغان ئايالىم بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يەپ باقمىغانىكەنمەن، كېلىنىم كارمانىڭ يېنىمدا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم». ئۇنىڭ كېلىنى كارما مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەممىمىز بىر داستىخاندا تاماق يەيدىغان بولدۇق». 

رامىلەنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئىككى يىل بۇرۇنلا بىللە تاماق يېيىشنى سىناپ باققانىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بىر ۋاق تاماقنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە يېيىشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك». زىيارەت جەريانىدا، كەنتتىكى باشقا ئاياللارمۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە تاماق يېيىشنىڭ ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇ ھەرىكەت ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىش سەۋىيەسىنى ياخشىلاشقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە باشقا ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئېلىپ كەلگەن. مانشۇنىڭ دېيىشىچە، كېلىنى يۈزىنى ياپمايدىغان بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Nur aziz2 كۈن ئىلگىرى

    ئەرلەنى ھۆرمەتلەش،ئۇلارنى چوڭ كۆرۈش ئايالنىڭ بەختى،بىر ياخشى ئادەت،مەنچە بۇ ئادەت ھازىرقى زامان مەدىنىيىتگىمۇ تامامەن ئۇيغۇن كىلەتتى،بىراق بۇلار بەك ئاشۇرۋىتىدىكەن،يا ئاياللىرىنىڭ،يائەرلىرىنىڭ ئەقلى كەممۇ نىمە؟

  • گۈلۈم2 ئاي ئىلگىرى

    ئاياللارنى ئەزىز كۆرگەن دۆلەتتە باي باياشات ياشاۋاتىمىز ئاياللانى خارلىغان دۆلەتلە يەنە نامراتلىق پاتقىقىدا يا ئەرلىرىمۇ ئەتىۋارلانغاندىكىن ئاسمانغا چىقىپ كىتەلمەپتۇ

  • مەرھابا 8853 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستاننىڭ ماۋۇ كىنوسىنى كۆرسەڭلار ئاندىن ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ ئورنىنىڭ قانچىلىك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىلەر (炙热 (zhi re

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号