باش بەت

گۈلمىرە شەمشىدىن

1547يوللانما
1007مەستانە

قىزلار خاتىرىسى: يۈرىكىم باغلانغاننىڭ بېشى باغلانغان

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 17:15 6 ئىنكاس چۈشتى

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى (ت)

ئۆزبېكىستان سوغدىيانا گېزىتى تەھرىر بۆلۈمى ئىككى كۈن بۇرۇن 21 ياشلىق قىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ قىز ھېكايىسىنى مۇنداق باشلىدى:

«مەن بابۇر ئاكىنى تونۇغىلى ئىككى يىل بولدى. ئۇ تولىمۇ مېھرىبان، ئەقىللىق، كېلىشكەن يىگىت. ئالىي مەلۇماتلىق، ماشىنىسى، يەنە شەخسىي دۇكىنىمۇ بار. بىز ئۇنىڭ بىلەن قەھۋەخانىدا تونۇشقان ئىدۇق. دوستۇم ئىككىمىزگە ھىممەت كۆرسىتىپ، خىراجىتىمىزنى تۆلىۋەتكەنىدى. <كېلەركى نۆۋەت سىزلەرنىڭ بولسۇن> دەپ ھەزىل ئارىلاش تېلېفون نومۇرىنى يېزىپ قالدۇرغانىدى. ئىككى ئايغىچە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشتىن ئۇيىلىپ يۈردۈم. كېيىن قىزىقىشىم ئۈستۈن كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم. شۇندىن بېرى تېلېفوندا، ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرىدا پاراڭلىشىپ يۈردۇق. مەن ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي باغلىنىپ قالغانىدىم. ئەمما بىز مەخسۇس ئۇچرىشىش ئۈچۈن كۆرۈشۈپ باقمىدۇق. پەقەت توي-تۆكۈنلەردىن قايتقىنىمدا <كېچىدە سىرتلاردا يۈرمەڭ> دەپ بىر- ئىككى قېتىم ئۆيۈمگىچە ئاپىرىپ قويغان، خالاس. كېيىنچە، بىردە راستتەك، بىردە چاقچاقتەك قىلىپ <كېلىن ئاچىڭىزدىن سوراي>، <كېلىن ئاچىڭىز نېمە دەركىن> دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولدى. شۈبھىلىنىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا، بىر ئايال تېلېفون قىلىپ، خىياللىرىمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. مېنى بىراۋنىڭ ئائىلىسىنى بۇزىدىغان قىلىقسىزدىن كوچىدىكى يەڭگىلتەك ئايالغىچە ھاقارەتلىدى. دەرھال بابۇر ئاكىغا تېلېفون قىلىپ، بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدىم. ئۇ ئىشخانامغا كېلىپ، تىز چۆككۈدەك بولۇپ كەچۈرۈم سورىدى. <خوتۇنۇمنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئۇ ئىككىمىز بىر ئۆيدە ياشىيالمايمىز، پەقەت بالام ئۈچۈن چىداپ كېلىۋاتىمەن. مەن بەختىمنى ئەمدى تاپتىم، ئىلتىماس، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ> دېدى. ئىككى يىلدىن بېرى خىياللىرىم، ئارزۇلىرىمنى بېغىشلىغان ئىنسانىمنى تەقدىر ماڭا ئارتۇق كۆرۈپتۇ. نېمە قىلاي؟ ئۇنىڭغا ئىشىنەيمۇ؟»

خوش، «سوغدىيانا» نېمە دەيدۇ؟

  ئەزىز ئوقۇرمەن، بەس، قويۇڭ! بۇ يالغان سەۋداغا ئىشەنمەڭ! يىگىت قانچىلىك ياخشى كۆرۈنسۇن، ھەقىقەت شۇكى، ئۇ سىزنى ئالدىدى. كېلىڭ، بۇ ھالىتىڭىزنى ھەر نۇقتىدىن تەھلىل قىلىمىز. سىز بۇ يىگىت بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ نېمىلەرگە ئېرىشىسىز ۋە نېمىلەرنى يوقىتىسىز؟

سىزنى ھېچكىم ئاقلىمايدۇ ھەم قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەيدۇ.

ھەممەيلەن ئەيبنى سىزدىن كۆرىدۇ. ئائىلىسى بار ئەرلىكىنى باشتا بىلمىگىنىڭىزنى ھېچكىمگە ئىسپاتلاپ بېرەلمەيسىز.

بەلكىم تېخى بىر چاغدا ئۇنىڭ ئايالى كېلىپ، مەھەللە، ئىشخانىڭىز ئالدىدا سۈرەن سېلىپ، بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن سىزنى شەرمەندە قىلىشى مۇمكىن.

ئائىلىسى بار ئەركەك بىلەن پەقەت توردىلا ئالاقىلىشىپ يۈرگىنىڭىزگە بىراۋ ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ئادەملەر تەسەۋۋۇرغا شۇنداق بايكى، ئۇلارنىڭ مۇزقايماق يالاپ يۈرۈشكە تاقىتى يوق. دېمەك، شەنىڭىز، نومۇسىڭىز ئېنىقلا خەۋپتە قالىدۇ.

ئويلىماڭ، ھېچقانداق مۇناسىۋەت، ھەتتا سۆيگۈمۇ ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مۇھەببىتىدىن ئۈستۈن بولمايدۇ. بابۇر بالىسى ئۈچۈن ياشاپ يۈرگىنىنى ئېيتتىمۇ؟ تامام، دېمەك، سىز ھەم مانا شۇ بالا ئۈچۈن يالغانچى تۇيغۇلىرىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ!

بەلكىم سىزنى ئۆزىڭىزگىلا خاس بىر بەخت كۈتۈپ تۇرغاندۇ، ئەجىبا سىز باشقىلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كۆينەككە شۇنچە قىزىقامسىز؟ مەيلى ئۇ بابۇرنىڭ ئىمكانىيەتلىرىگە، ئۇتۇقلىرىغا ئىگە بولمىسۇن، ئەمما تۇرمۇشقا چىقىدىغان يىگىتىڭىزنىڭ ئۆتمۈشى ھەم، كېلەچىكى ھەم سىز بىلەن باشلانسۇن!

«يىگىتنى باشقۇرىمەن، خالىسام، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە قۇرىمەن» دەپ خام تامادا بولماڭ. خىيالىڭىزدىكى بۇ پەيت يەنە ئارقىغا قايتىپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى - ئۇنىڭ بارار جايى، يەنى تۇنجى ئائىلىسى بار. 


ئۆيلەنگەن ئاشىقلاردىن ئاگاھ بولۇڭ!

توغرا، ئۇلار قىز بالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى، ئۇنىڭغا قاچان، قەيەردە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ياخشى بىلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار بۇنداقلارنىڭ قارمىقىغا تېزلا ئىلىنىپ قالىدۇ.

باشقىلاردىن پەرقلىق تۇرىدۇ. چۈنكى سۆيۈپ قالغىنىنى دېسەم بولۇرمۇ، دېمىسەم بولۇرمۇ؟ رەت قىلارمۇ دەپ ئىككىلىنىدىغان ياش يىگىت ئەمەس-تە! ئۇلار ئاللىقاچان پۇل تېپىپ، ئائىلە بېقىپ، ئاشقىنىنى قىزلارغا خەجلەشنى ئويلاۋاتقان چاكىنا «رومانتىك شاھ»لار خالاس!

ئەڭ چوڭ ئاگاھلاندۇرغۇچى بەلگىسى نېمە؟ ئۇنىڭ يېشى. ئۆيلەنگەن، ئەمما ئائىلىسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي، يەنە كوچىدىن ئۆزىگە «يار» ئىزدەش دەۋرىگە يېتىپ كەلگۈچە يىگىتنىڭ يېشى 30 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. 

ئەگەر سىز ئۇنى سېغىنغاندا شۇ ھامان تېلېفون قىلالمىسىڭىز، ئۇ ھەم كۆپىنچە سىز بىلەن يوشۇرۇنچە گەپلەشسە، بىلىڭكى، ئۇنىڭ بېشى بوش ئەمەس، ئەلۋەتتە كىمنىڭدۇر ھەق نىكاھلانغان ھەمراھى بولۇشى مۇمكىن.

«ئائىلەمدىن ئاجرىشىپ، ساڭا ئۆيلىنىمەن. بىز بىر-بىرىمىزنى كېچىكىپ ئۇچراتتۇق»، دېگەن دەبدەبىلىك سۆزلەرگە ئىشەنمەڭ! ھەتتا دېگىنىنى قىلىپ ئاجراشقان تەقدىردىمۇ، بۇنداق تۇرمۇشتىن بەخت تاپالىشىڭىزدىن ئېغىز ئېچىش تەس. 

ئەي قىز، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ! 


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاي ئاپاق2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ شۇنچىلىك ياخشى كورەتتىم بورانىمنى ،ئەپسۇس ئاخىرى ئايرىلدۇق ،چۇنكى ئۇ باشقا بىرسىنى ياخشى كورۇپ قاپتۇ ،مەندىن ئارتۇق نۇرغۇن يەلىرى بامىش ،ماڭا چىدىغۇچىلىكى قالماپتىمىش ،ئاخىرى مەنمۇ چىدىدىم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ،ھەر قىتىم ئىسىمگە كەلسە شۇ يالغانچىغا ئىشىنىپ ۋاختىمنى ئىسراپ قىلغىنىمغا كوپ ئوكۇنىمەن

  • huojia532*2 ئاي ئىلگىرى

    توغرا،نىكاھلىنىپ بولغان ئەرگىمۇ،ئايالغىمۇ كۆيۈپ كۈل بۇلۇپ كەتكەن ئىپلاس يۈرىكىڭىزنى تەڭلىمەڭ
    ئەگەر ياخشى كۈرۈشكەن بولسىڭىز ناز-كەرەشمىنى قۇيۇپ توي بۇلۇشتىن بۇرۇن سىز قولغا كەلتۈرۋېلىڭ،………

  • زۆھرە2 ئاي ئىلگىرى

    ھايات شۇنداق ھەرگېزمۇ ئ‍ائېلېسې بار ئ‍ادەم بېلەن ئ‍ارلاشماسلېق كېرەك كېيېن ئ‍ۈزۈنې ئ‍ازاپلېشڭېز مۇمكېن
    قەدېرلېكلېرېم

  • سۈبىھىنۇر2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق ئىشلار مىنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن .راس ۋاقتى كەلسە سەن ئۈچۈن جېنىم پىيدا دىگەنلەرمۇ ۋاقتى كەلسە سىنى تاشلاپ كىتىپ قالىدىكەن .

  • قوشماق2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى مەزمۇنكەن مەن بەك ياقتۇردۇم رەھمەت تەھرىرلەر

  • @@@@@@2 ئاي ئىلگىرى

    ھازىرقى جەمىيەتتە مۇشۇنداق ئىشلا راستىنلا بەك كۆپۈيۈپ كەتتى ، ئاياللار نىمانچە ئاجىزدۇر ، تۇرمۇش قۇرۇپ بالىلىق بۇلۇپ ، بارغىمۇ يوققىمۇ چىداپ ئۈيۈم ، بالام دەپ ئۆزىنى ئاتىۋىتەلەيدىكەن ، لىكىن بىر قىسىم ئەرلەر پۇل تېپىپ ، يۈز تېپىلا كۆڭۈل خوشى ئىزدەپ يۈرىشىدىكەن ، ئەينى چاغدىكى ياخشى كۆرۈپ ئالغان ئايالى بىردىنلا ئۇنىڭغا كۆڭلى يوقلىغى پەقەت بالىنى دەپلا ئۆي تۇتىۋاتقان دىگەن نامغىلا قالىدىكەن ، ئەمىليەتتە بۇ پەقەت ۋىجدانسىز ، تۇز كورلانىڭلا گىپى بۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۆزىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلارمۇ چوقۇم ساق ئەمەس

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号