باش بەت

نۇسرەتگۈل

6593يوللانما
60مەستانە

كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ۋەھىمىلىك كىنولارنى ياخشى كۆرىدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 17:19 3 ئىنكاس چۈشتى

كىشىلەر ئادەتتە خۇشاللىق ئىزدەپ ئازابتىن قاچىدۇ، ھېچكىم غەم–قايغۇغا پېتىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. ئىنسانلار تۇرمۇشتا خەتەرلىك، قورقۇنچلۇق ۋە ناچار نەرسىلەردىن قاچىدۇ–يۇ، نېمە ئۈچۈن ۋەھىمىلىك كىنولاردىن قاچمايدۇ؟

ۋەھىمە بىر خىل تەھدىتنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئالدىن سىگنال بېرىش بولۇپ، ئادەملەرنىڭ قېچىپ كېتەلىشى ئۈچۈن ۋاقىت ئۇتۇپ بېرىدۇ. ئىنسانلار بەزى كۆرۈنۈش، ئاۋاز، ھەتتا پۇراقلارنى خەتەرلەر بىلەن باغلايدۇ ھەم چوڭ مېڭىنىڭ ئۆرۈك مېغىزى تەنچىسىدە ساقلايدۇ. ئۆرۈك مېغىزى تەنچىسى چوڭ مېڭىنىڭ مەركىزىي ئەتراپىدىكى ئۆرۈك مېغىزى شەكىللىك يۇمشاق توقۇلمىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئەگەر ئۆرۈك مېغىزى تەنچىسى ئىنكاسلارنى خەتەرلىك دەپ قارىسا، چوڭ مېڭىدە دەرھال «قارشىلىشىش ياكى قېچىش» ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ. بىراق ۋەھىمىلىك كىنولار «بىخەتەر ۋەھىمە»دىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى كۆرۈشتىن بۇرۇن تولۇق پىسخىكىلىق تەييارلىقتا، يەنى بۇ كىنوغۇ دېگەن تەييارلىقتا بولىدۇ. شۇڭا، ۋەھىمىلىك كىنولارنى كۆرۈش ئارقىلىقمۇ ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ. 

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بەزى كىشىلەرنىڭ ۋەھىمىلىك كىنولارنى ياخشى كۆرۈشى، ئۇلار دەل بىخەتەر مۇھىتتا ۋەھىمىنىڭ غىدىقلىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىدىن بولىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، غىدىقلىنىش ئىزدىگۈچىلەر ۋە غىدىقلىنىشتىن قاچقۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ دوپامىننى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدا ناھايىتى زور پەرق بولىدىكەن. دوپامىن چوڭ مېڭىدە پەيدا بولىدىغان ئادەمنى شادلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، تەتقىقاتچىلار 34 «پىدائىي»نى سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ يېڭى غىدىقلىنىشلارنى ياخشى كۆرۈش دەرىجىسىنى باھالىغان، ئاندىن ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى سكانېرلىغان، نەتىجىدە، غىدىقلىنىش ئىزدىگۈچىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى دوپامىننىڭ مىقدارىنىڭ غىدىقلىنىشتىن قاچقۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى دوپامىننىڭ مىقدارىدىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈش پەيدا بولغان چاغدا، ئادەم خۇددى بۇ ۋەھىمىلەرنى ئۆزى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندەك يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدىكەن، چوڭ مېڭە قوبۇل قىلغان كۆرۈنۈش ئادەمگە راستتەك تۇيۇلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىدىكى ئۆرۈك مېغىزى تەنچىسى كىرگەن سىگناللارغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدىكەن ھەم ھورمون قويۇپ بېرىدىكەن، بۇ چاغدا ماڭلاي پوستلاق ماددىسى نورمىدىن ئارتۇق قوغدىنىش قۇرۇلمىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇ سەۋەبلىك ئادەمدە يېتەرلىك كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولغاچقا، ئادەم ئۆزىنىڭ خەتەردە ئەمەسلىكىنى بىلىدىكەن ھەم بۆرەك ئۈستى ھورمونىنى تەڭشەپ تۇرىدىكەن.

ئالىملار يەنە چوڭ مېڭىدىكى ئۆرۈك مېغىزى تەنچىسىنىڭ ۋەھىمە ياكى باشقا پاسسىپ كەيپىياتلارنىڭ ئاساسلىق نېرۋىسى بىلەن باغلىنىشلىقلىقىنى، ئادەم خۇشال بولغاندا، ماڭلاي ئالدى قىسمىدىكى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ باشقا بىر قىسىم ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە بۇ جەريانغا ئورتاق قاتنىشىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئالاھىدە مۇھىتتا ئۆرۈك مېغىزى تەنچىسى ۋە ماڭلاي تەڭلا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، پاسسىپ ۋە ئاكتىپ كەيپىيات تەڭلا قوزغىتىلىدىكەن. ۋەھىمىلىك كىنولار بۇ خىل «ئورتاق قوزغىتىش تەسىرى»دە، ئادەمنى قورقۇش بىلەن خۇشاللىققا بىرلا ۋاقىتتا ئېرىشتۈرىدىكەن. شۇڭا، ۋەھىمىلىك كىنولارنى كۆرۈۋاتقان ئادەم بىر خىل جىددىي ھالەتتە تۇرىدىكەن، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك بولىدىكەن، مانا مۇشۇنداق ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك بولۇش تۇيغۇسى ئادەمنى قانائەت ۋە خۇشاللىققا ئىگە قىلىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ۋەھىمىلىك كىنولارنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر خىل ئالاھىدە روھىي كەيپىياتتا بولىدىغانلىقىنىڭ، يەنى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى قورقۇتىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • خوتەنلىك1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋەھىمىلىك كىنو ساغلاملىققا بەك زىيانلىق دەرھال ھىس قىللالمىسىمۇ ياش چوڭايغانسىرى ئاندىن زىيىنىنى تۇنۇپ يىتىدۇ

  • دىلاش1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋەھىمىلىك كىنودا ھەممىىن قالتىسى يىڭى ئىشلەنگەن جەسەت قىز ،ئۇ ھەتتا روھ چاقىرشنىڭ رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىدى ...
    مەن بەك ئارمراق ۋەھىىمىلىك فىلىمگە كۆرىۋەرسە قوقماس بولۇپ قالدىكەن ،باشتا بەك قوقاتتىم

  • 158******041 ھەپتە ئىلگىرى

    تورداشلار جەسەتكە تولغان شەھەرنىڭ ئىككىنچى قىسىمى چىقتىمۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号