باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

گۇگول Pixel 2 يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ئاشكارىلاندى: 4-ئۆكتەبىر

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 18:15 0 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گۇگولنىڭ ئاندىرويىد 8.0 سىستېمىسى ئېلان قىلىنغىلى بىر نەچچە ھەپتە بولدى، بۇ سىستېمىغا ئەڭ بۇرۇن ماسلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئەڭ مۇكەممەل ئىقتىدار بىلەن تەمىنلىگەن يانفون يەنىلا گۇگولنىڭ Pixel 2 يانفونى بولۇشى مۇمكىن، بۇ يانفون ھەققىدە نۇرغۇن خەۋەرلەر بېرىلگەن، ھەتتا لايىھە سۈرىتىمۇ ئاشكارىلانغان، ئەمما ئېلان قىلىش ۋاقتى ئىزچىل سىر بولۇپ كەلگەنىدى. 

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بەزىلەر بوستون كوچىلىرىدا گۇگولنىڭ تەشۋىقات ئېلان تاختىلىرىنى كۆرگەن، ئەمەلىيەتتە بۇ يانفون 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن، ئېنىقكى پەقەت Pixel 2 يۈرۈشلۈك يانفونلىرىلا بار. بۇ قېتىم تېمىسىدا «Ask more of your phone» (يانفونىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ نەرسە تەلەپ قىلىڭ) دېگەن سۆز كۆرۈندى، ئۇ بەلكىم ئەقلىيفونلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى ھەققىدىكى يەنە بىر قېتىم چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 

بۇرۇن ئالدىن ماتېرىيال ئاشكارىلىغۇچىلار بۇ يانفوننىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى دېگەن، بۇ ۋاقىت بۈگۈن ئاشكارىلانغان ۋاقىت بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، بەزىلەر ۋاقىت پەرقى سەۋەبلىك مۇشۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. 

ھازىر بۇ يانفوننىڭ سەپلىمىلىرى ئاللىقاچان ئاشكارىلىنىپ بولدى، ئۇنىڭغا بەش دىيۇملۇق 1080P ئېكران سەپلەنگەن، 3.5 مىللىمېتىرلىق تىڭشىغۇچ ئېغىزى بىكار قىلىنغان، ئارقىسىغا 12 مىليون پىكسىللىق كامېرا (OIS ئوپتىكىلىق سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى يوق، پەقەت EIS ئېلېكترونلۇق سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بار)، سىناپدراگون 835 بايراقدار بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 2770mAhلىق باتارىيە سەپلەنگەن، HTC ۋاكالىتەن ياسىغان. 

Pixel XL 2 يانفونىغا بولسا ئالتە دىيۇملۇق 2K ئېكران سەپلەنگەن، قاتتىق دېتال سەپلىمىسىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، پەقەت باتارىيەسىنىڭ سىغىمى 3450mAhغا چوڭايتىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号