باش بەت

گۈلنىسا

140يوللانما
7مەستانە

ئانا بالىسىنى يەڭگىپ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن پۇتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 19:30 14 ئىنكاس چۈشتى

ئېللا كىلارك (Ella Clarke) ئەنگلىيەلىك 31 ياشلىق ئانا بولۇپ، بىر قېتىملىق تۇغۇتىدا ھوشسىزلاندۇرۇلۇپ، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئىككى پۇتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

ئەسلىدە ئىشنىڭ تەپسىلاتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ ھامىلىدارلىق تەكشۈرۈشىدە بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشقانلىقى بايقىلىپ، يەڭگىگەندە ئوپېراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ ۋە ئۆيىدىكىلەر بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بەرمىگەن، بۇنى پەقەت ئادەتتىكى بىر ئوپېراتسىيە دەپ قارىغان.

لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئەگەشمە كېسەللىك يۈز بېرىپ، نۇرغۇن قان چىقىپ كەتكەن. ئوپېراتسىيە كوللېكتىپى ئامالسىز ئۇنىڭ بالىياتقۇسىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەن ۋە قان بەرگەن، ئۇ دورىنىڭ تەسىرىدە ھوشىدىن كەتكەن ۋە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئەكىرىپ قويغان.

ئاغرىقنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ قان ئۇيۇتمىسى بىلەن توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دوختۇرلار بىر سائەتتە بىر كېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى.

لېكىن دوختۇر بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالغان، دوختۇر 6 سائەتتىن كېيىن ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە ئۇنىڭ پاقالچاق قان تومۇرلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇپ، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەكلىكىنى بايقىغان.

لېكىن ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەچكە توقۇلمىلار ئۆلۈپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلمىسا توكسىن يۈرەكنى زەخىملەيتتى، شۇڭا ئاتا-ئانىسى ئىككى پۇتىدىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلدى.

ئۇ: «ئەسلىدە ھوشىمغا كەلسەملا خۇشاللىق بىلەن بالامنى قۇچاقلايمەن دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئىككى پۇتۇمدىن ئايرىلىپ قېلىشىمنى قەتئىي ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» دېدى. ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر كەلدى. 5 ياشلىق بالىسى ئاپىسىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ توختىماي يىغلاپ، ئۇنى تېخىمۇ ئازابلىدى. ھېلىمۇ ياخشى يولدىشى ۋە ئۆيىدىكلىرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ نەسىھەت قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • huojia532*3 كۈن ئىلگىرى

    سۆلەت نۇرداش،سىز دوختۇرمۇ؟……………
    ئىنسانىيە دۇنياسىدا ئانىلار ئەڭ ئۇلۇغلاشقا تىگىشلىك كىشىلەردۇر.قاراڭلار،بالا ئۇچۇن قىممەتلىك ئەزالىرىدىن ھەتتا ھاياتىدىن كىچىۋاتقان ئانىلارغا…………

  • ھۇررا4 كۈن ئىلگىرى

    شۇ كۇيۇمچان ئايالىمىز ئۇچۇن ،مەسئۇليەتچان ئەرلەردىن بولايلى .

  • 138******945 كۈن ئىلگىرى

    ۋاي ئىسىت بىچارە بايقۇش

  • ئالىيە5 كۈن ئىلگىرى

    بەزىلەر ھامىلدارلارنىڭ قىينىلىپ قالغانلىغىنى كۆرسە ئايال كىشى تۇرۇپ ھامىلدار ئاياللارنى نىمداق ئەتىۋا بولىۋالىدۇ، بىزمۇ تۇغۇپ باققان دىيىشىدىكەن، شۇلاردىن بەك يىرگىنىمەن،

  • ئالىيە5 كۈن ئىلگىرى

    ماڭا ئوخشاش بوپتىكەن بۇ ئايال مېنىڭكىمۇ بالا ھەمرىيى ئالدىغا ئورۇنلىشىپ قەپ بالام 9ئاي بولغاندا قوساقتا تۇنجىقىپ قالغان، بالياتقۇنى ئېلۋەتمىسەك بولمايدۇ، بەك جىق قان چىقىپ كېتىدۇ،ئوپىراتسىيىدە سەللا بىخەستىلىك بولسا ئاپىسىمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىپ تېخنىكىسى يۇقىرى دوختۇرلارنىڭ ئوپىراتسىيە قىلىشى بىلەن ھايات قالدىم، باشتىن ئۆتكۈزگەن ئادەم بىلىدۇ، شۇ كۈندىن كېيىن بالا تۇغۇش ماڭا ئەرشكە چىقىشتىنمۇ تەس بىلىنىدۇ قورقىمەن، بۇ ئايالنىڭ كەچۈرمىشىگە بەك ئېچىندىم

  • 幸福 三5 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە دۇختۇردىمۇ بىماردىمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يۇقكەن

  • مەن شۇ5 كۈن ئىلگىرى

    مەسئۇليەتسىز دوختۇر ھەممە يەردە باركەندە ئىسىدىن چىقىپ قالغان شۇمۇ گەپ بوپتودە-

  • زەھرا5 كۈن ئىلگىرى

    بەزىلە مۇشۇ تۇغۇشنى بەكلا ئاددى چاغلايدۇ تۇغۇت دىگەن بىر ئۈلۈمدىن قايتىپ كىلىدىغان ئىشكەن مەن ئۈزۈم تۇغۇپ ئاندىن بىچارە ئانامنىڭ بەك قەدرىگە يەتتىم ئۇزۇن ئومۈر سالامەتلىك خۇشاللىق يار بولسۇن شۇ سۈيۈملۈك ئاتا ئانىلارغا مەنمۇ شۇ ئۇماق بالام دەك كەپسىز بوغۇيمىتىم

  • ئاكاڭ قارغاي5 كۈن ئىلگىرى

    توۋا ئاڭلىمىغان گەپكەن ماۋۇ،بىر سائەتتە بىر كۈزەتكىلى كىرىدىغان دوختۇر نەگە كىتىپتۇ دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ قۇربانى بوپتىغۇ،

  • 9995 كۈن ئىلگىرى

    دوختۇر لا ئەدەسسىز ناچارلىق قىپتۇ ھە دوسلا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号