باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

بۇ ئۈسكۈنە بولسا ئۆي ئىچىدىمۇ قۇياش ئېنېرگىيەسىدە يانفون زەرەتلىيەلەيسىز

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 18:10 3 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تورىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قۇياش ئېنېرگىيەسى يېشىل ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل تۈردە مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ كەلدى. نۆۋەتتە قۇياش ئېنېرگىيەسىنى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئەمما چوڭ شەھەرلەردىكىلەرنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشى يېزا-كەنتلەردىكىدەك قولاي ئەمەس، كىشىلەر كۆپىنچە بىر بىنادا ياشايدۇ، دېرىزە بولسا قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن ئۇچرىشىشتىكى بىردىنبىر ۋاستە. بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز ئۆي ئىچىدىمۇ قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدىغان مەھسۇلات jenni، يەنى بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى. 

Jenniغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇلاش تېخنىكىسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى يورۇقلۇق ۋولت تېخنىكىسى ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش بىرگەۋدە قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا توك قاچىلىيالايدۇ. ئۇ بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە بولۇپ، Wi-Fiغا ئۇلىغاندىن كېيىن jenni ئەپ دېتالى Jenniنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، ئابونتقا ئۇچۇر يوللاپ، ئېنېرگىيە ساقلاش ئەھۋالى، مەھەللە ئارىسىدا ساقلانغان پەرق قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرىدۇ. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مەسىلەن توك توختىغان ۋاقىتتا توردىن ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئابونتقا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشنى ئەسكەرتىدۇ. 

قۇياش نۇرىنى بايقىغان ۋاقىتتا ئاپتوماتىك توك قاچىلاشقا باشلايدۇ، توك قاچىلاش جەريانىدا ئابونتلار يانفون ۋە كومپيۇتېر چاتسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە jenni ھاۋارايى ئەھۋالىنى تەكشۈرەلەيدۇ ھەمدە توك قاچىلاش ھالىتىنى تەڭشەپ ئۈسكۈنىگە ئۇدا توك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئەگەر ئۆي ئىچىنىڭ يورۇقلۇقى ياخشى بولمىسا، يېنىكلەشتۈرۈلگەن تاختىنى دېرىزىگە چاپلاپ، ئېلېكتىر كابىلى ئارقىلىق كونترول مەركىزىگە ئۇلاپ 120WHلۇق باتارىيەسىگە توك قاچىلاشقا بولىدۇ. 

Jenniنى ئۈسكۈنىلەرگە كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاشقا بولىدۇ، ئۇنىڭدا USB، USB-C ئېغىزى بار بولۇپ، ئۈسكۈنىلەرگە سىمسىز توك قاچىلايدىغان ئېغىزىمۇ بار. قولاي بولۇش ئۈچۈن ئابونتلار يەنە يانفونغا jenni ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئۈسكۈنىنىڭ توك مىقدارىنى خالىغان ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە ھازىر Indiegogo تور بېكىتىدە سېتىلىۋاتىدۇ، باھاسى 229 دوللار (تەخمىنەن 1972 يۈەن)، قىزىقىدىغان دوستلار سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ كۆرسە بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • جەسۇر2 ئاي ئىلگىرى

    500كۇي بۇسىمۇ قىممەتكە بۇ ، 500 كۇيلۇق تۇك بىر ئۈمۈر تىلىفۇنىڭىزغا يىتىدۇ مىنىڭچە

  • ئابلاجان@2 ئاي ئىلگىرى

    شۇ ئىقتىدارى بولدىكەن سەل قىممەتكەن(بۇرنىنى كوچىلاپ ھىجايغان چىراي ئىپادىسى )

  • مىسران2 ئاي ئىلگىرى

    قىممەتكەن ~500كوي بولغان بوسا ئالاتتىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号