باش بەت

دەۋران

350يوللانما
6مەستانە

گۈمبە مەدەك تېرىغۇچىلار ھەر كۈنى تاغقا چىقىپ مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 18:10 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جياڭشى ئۆلكىسى نىڭدۇ ناھىيسى چىڭياڭ يېزىسىنىڭ ئالاھىدە ھاۋا كىلىماتى بار بولۇپ، بۇ يەردىكى ئورمانلىقتا ئۆزگىچە قىزىل رەڭلىك گۈمبە مەدەكلەر ئۆسىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ رەڭگى قىزىل بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار تەرىپىدىن قىزىل گۈمبە مەدەك دەپ ئاتالغان، قىزىل گۈمبە مەدەك تەركىبىدە زور مىقداردا ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق قۇۋەتلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭ بازار باھاسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. 

ھەر يىلى گۈمبە مەدەكلەر ھوسۇل بېرىدىغان مەزگىلدە يەرلىكتىكى دېھقانلار كېچە-كۈندۈز تاغ-ئورمانلىقلاردا گۈمبە مەدەك تېرىشقا باشلايدۇ، لىن ئۇستام دەل قىزىل گۈمبە مەدەك تېرىش ئۇستىسى بولۇپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ تاغ ئورمانلىقتا 8 سائەتچە يول يۈرۈپ باھاسى نەچچە مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان گۈمبە مەدەكلەرنى تېرىپ كېلەتتى. 

 قىزىل گۈمبە مەدەكنىڭ يەنە بىر ئىسمى قان گۈمبە مەدەك، ئۇنىڭ زەمبۇرۇخ يىپچىسى ئاجرىمىغاچقا كىشلەر ھازىرغىچە ئۇنى سۈنئىي كۆپەيتەلمىگەن، قىزىل گۈمبە مەدەكنىڭ تۇپراق ۋە ھاۋا كىلىماتىغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، گەرچە ئوخشاش بىر ئورمانلىق بولسىمۇ، تۇپرىقىنىڭ بەزى يەرلىرىدە گۈمبە مەدەك ئۆسىدۇ، بەزى يەرلىرىدە بولسا مەڭگۈ ئۆسمەيدۇ.

گۈمبە مەدەك تېرىش ھەم جاپالىق ھەم خەتەرلىك خىزمەت، لىن ئۇستام ھەر كۈنى سەھەر سائەت 3تە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاددىيغىنە ناشتا قىلىپ تاغقا بېرىپ سائەت 11-12 گىچە گۈمبە مەدەك تېرىپ ئاندىن ئۆيىگە قايتىدۇ، تاغ ئورمانلىقتا داۋاملىق زەھەرلىك يىلان ۋە ياۋا چوشقىلار ئۇچراپ تۇرغاچقا داۋاملىق يېنىغا پىچاق ئېلىپ يۈرىدۇ.

قىزىل گۈمبە مەدەك بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل بېرىدۇ، ھەر قېتىملىق ھوسۇل بېرىش ۋاقتى 15 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، شۇ مەزگىللەردە لىن ئۇستام ھەر كۈنى تاغ-ئورمانلارغا كېلىپ گۈمبە مەدەك تېرىيدۇ. 

لىن ئۇستام: «قىزىل گۈمبە مەدەك تېرىش ئۈچۈن يالغۇز ھەرىكەت قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇلار ھەر يىلى، ھەر پەسىل، ئوخشاش بىر يەردە ئۆسۈپ چىقىدۇ، گۈمبە مەدەك ئۆسۈپ چىقىدىغان ياخشى بىر يەرنى بايقاپ قالسا، ھەر يىلى شۇ يەرگە كېلىپ نۇرغۇن مول-ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ» دېگەن 

بۇ يىلى ئۇ يەردە يامغۇر كۆپ ياغمىغان، قىزىل گۈمبە مەدەكلەرمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆسمىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ باھاسى تەبئىيلا ئۆرلەپ كەتكەن، بىر جىڭ قۇرۇتۇلغان گۈمبە مەدەكنىڭ باھاسى 1000 يۈەنگە يېتەتتى، لېكىن ئۈچ جىڭ يېڭى گۈمبە مەدەكنى قۇرۇتقاندىلا ئاندىن بىر جىڭ قۇرۇتۇلغان گۈمبە مەدەككە ئېرىشكىلى بولاتتى. 

تاغدا گۈمبە مەدەك تېرىيدىغانلار قورسىقى ئاچسا ياۋا مېۋە يەپ، ئۇسساپ كەتسە بۇلاق سۈيى ئىچەتتى. 

رەسىمدە 4-5 سائەت تاغقا ياماشقان لىن ئۇستام بۇلاق سۈيى ئىچمەكتە.

ھەر يىلى ھوسۇل پەسلىدە يەرلىك كىشىلەر تاغ-ئورمانلىقتا گۈمبە مەدەك تېرىپ نەچچە تۈمەن كىرىم قىلىدۇ، گەرچە ھەر يىلىدىكى ھوسۇل پەسلى ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ كىشىلەر بۇ مەزگىلدە سىرتتا يېرىم يىل ئەمگەك قىلغان پۇلنى تاپالايدۇ. 

گۈمبە مەدەكلەرنى تېرىپ ئەكىلىپ رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن بۇرۇن دەرھال ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش كېرەك، لىن ئۇستام بۈگۈن ئۈچ جىڭ گۈمبە مەدەك تېرىدى، ئۇ يەنە: «گۈمبە مەدەكلەرنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، مول ھوسۇل مەزگىلىدە  ئەگەر كەچتە يامغۇر ياغسا ھەر كۈنى ئوخشاش بىر يەردىن كۆپ قېتىم مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ» دېگەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号