باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2598يوللانما
20مەستانە

«خارۋېي» دىن كېيىن ئامېرىكىدىكى بىر دېڭىز ساھىلىدىن نامەلۇم ھايۋاننىڭ ئۆلۈكى بايقالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 18:05 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئالدىنقى ھەپتە، قارا بوران «خارۋېي» ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر دېڭىز ساھىلىدىن غەلىتە ھايۋاننىڭ ئۆلۈكى بايقالغان. ئامېرىكا ئادۇبون ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى پىرىت دېزاي ئۇنىڭ سۈرىتىنى تورغا چىقىرىپ، تورداشلاردىن بۇنىڭ زادى قانداق جانلىق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە ياردەم قىلىشنى ئېيتقان. 

توردىكى سۈرەتكە قارىغاندا، بۇ جانلىقنىڭ كۆزى يوقكەن، چىشى ئۆتكۈركەن، تېنى يۇمىلاقكەن. دېزاي مۇنداق دېگەن: «مەن بۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە چوڭقۇر دېڭىزدا ياشايدىغان يىلانبېلىقمىكىن دېگەنتىم، بىراق سىنچىلاپ قارىسام ئۇنىڭ ئېغىزى تازا ئوخشىمايدىكەن، مەن بۇ تاپنى ئۆرۈپ-چۆرۈپمۇ قانداق ھايۋانلىقىنى بىلەلمىدىم». 

بەزى بىيولوگلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ھايۋان مېكسىكا قولتۇقىدا ياشايدىغان بىگىز چىشلىق چىپار يىلانبېلىقنىڭ بىر تۈرى بولۇشى مۇمكىنكەن. ئۇ چوڭقۇرلۇقى 30 مېتىرىدىن 90 مېتىرغىچە كېلىدىغان سۇ رايونىدا ياشايدىكەن، ناگان-ناگاندا تېيىز سۇ رايونىغا چىقىپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ كۆزى بولۇشى مۇمكىنكەن، دېزاي ئۇنى بايقاشتىن بۇرۇنى كۆزىنى باشقا جانلىقلارنىڭ يەپ كەتكەنلىكىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدىكەن. 

مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ چوقۇم يىلانبېلىقنىڭ بىر تۈرىكەن، ئەمما ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ زادى قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • س گ1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي ئانام مىنىڭ توكلۇق بىلقىم بۇ يەدە يۈرۈيدىغۇ نىمە ئىشلا بوپ كەتتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号