باش بەت

نۇسرەتگۈل

7685يوللانما
108مەستانە

بىر يىلدا پەقەت 3 ئايلا كۆرۈنىدىغان سىرلىق سۇ ئاستى باغچىسى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 18:19 5 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياۋروپادىكى گۈزەل دۆلەت ئاۋسترىيەنىڭ سىتىرىيا ئىشتاتىدىكى يېشىل كۆل بۇ دۆلەتتىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. بۇ مەنزىرە نۇقتىسىدا بىر سىرلىق باغچا بار بولۇپ، بۇ باغچا بىر يىلنىڭ پەقەت 3 ئېيىدىلا كۆرۈنىدۇ، باشقا ۋاقىتتا سۇ ئاستىدا تۇرىدۇ. بۇ كۆلنىڭ سۈيى يېنىدىكى قارلىق تاغدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە سۈيى كۆپەيگەنلىكتىن باغچا سۇ ئاستىدا قالىدۇ، قىشتا سۇ ئازىيىپ باغچىمۇ كۆرۈنىدۇ.

يازدا بۇ جاينىڭ مەنزىرىس تولىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ، قارلىق تاغ، سۈيى سۈزۈك كۆل، سۇ ئاستى باغچىسى، بېلىق ۋە راكلار، كىچىك كۆۋرۈك ۋە دەرەخلەر ئادەمنى جەلپ قىلىۋالىدۇ.

يىراققا پىيادە سەپەر قىلغۇچىلار قىشتا بۇ جايغا كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاغ چوققىسى ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ، كۆلدە ئازراقلا سۇ قالغان بولىدۇ، باغچا قايتىدىن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ.

كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا قارلار ئېرىپ، سۈيى كۆلگە ئېقىپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باغچىمۇ ئاستا-ئاستا سۇ ئاستىدا قالىدۇ. بىراق، كۆل سۈيى سۈزۈك بولغانلىقتىن باغچىنى يەنىلا كۆرگىلى بولىدۇ.

يازدىكى باغچا 5-4 مېتىر سۇ ئاستىدا قالىدۇ. سۇ ئاستىكى كىچىك كۆۋرۈك، گۈل-چېچەكلەر، چىغىر يوللار ۋە دەرەخلەر چۆچەكلەر دۇنياسىنى بەرپا قىلىدۇ.

كۆلنىڭ ئاستىغا چۆككەنسېرى غەۋۋاسلارغا نۇرغۇن بېلىقلار ئەگىشىۋالىدۇ.

بۇ جاي ئالپىس تېغىدا بولۇپ، تاغ ۋە سۇلۇق مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل، ھاۋاسى يېقىشلىق. بۇ جايغا كەلگەن ئادەم يەر شارىنىڭ گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىدۇ. 

شەھەردىكى باغچىلارنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغانلار يەر ئاستى باغچىسىنى كۆرسە باشقىچە تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • خۇمار2 ئاي ئىلگىرى

    ھاياتنىڭ پەيزىنى مۇشۇنداق يەردە سۈرسە ھە، نىمانداق گۈزەل

  • مەتقۇربان2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ كۆل بەك گۈزەلكەن

  • چىرا ئوغلى2 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر كۆل بار تەخمىنەن 3مىتىر سۇنىڭ تىگىدىكى ئوت چۆپلەرنى كۆرگىلى بۇلىدۇ بەك گۈزەل

  • ئەزىز2 ئاي ئىلگىرى

    پەك پەيزىكەن خۇدى ھاۋادا ئۇچۇپ سەيلە قىلغاندەك

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق يەلىدە تۆت موللاق ئېتىپ شۇغا چۆمۈلۋاسام دەپ ئويلاپ كېتىمەن ئۆزەمچە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号