باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

گېرمانىيەدە 4 يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام 5 يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-15 13:28 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

گېرمانىيە «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتىدىكى پارتىيە-گۇرۇھلار سايلام دەۋرىنى ھازىرقى تۆت يىلدىن بەش يىلغا ئۆزگەرتىشنى پىلانلىۋېتىپتۇ. مەزكۇر لايىھە كېلەر قېتىملىق پارلامېنت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن، بۇ پىلاننىڭ 2021-يىلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلۇشىدىن ئۈمىد باركەن. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق پارتىيە-گۇرۇھلار مەزكۇر قارارنى قوللىغان. بۇنىڭغا قارىتا، گېرمانىيە ئىتتىپاقداش پارتىيەسىنىڭ پارتىيە-گۇرۇھلار رەھبىرى مايكول گېلسىن بۇلمو چۈشەندۈرۈپ بېرىپ: «چوڭ سايلامغا زور مىقدارى ۋاقىت ۋە زېھىن كېرەك، بۇ خىل ئەھۋال ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى ۋە يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتتى». گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە-گۇرۇھلار رەھبىرى توماس مۇنداق دېدى: «مەزكۇر لايىھە ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، يەنە كېلىپ كېلەر نۆۋەتلىك سايلامدىن بۇرۇن مۇۋاپىق ئۆزگەرتىلىدۇ». 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گېرمانىيە خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئاندىرىيا شۇيېر، گېرمانىيە سول قانات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە-گۇرۇھلار رەئىسى دىتمار بارچ، گېرمانىيە يېشىل پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە-گۇرۇھلار رەئىسى بۇرىتا خاسارمانلارمۇ مەزكۇر لايىھەنى قوللىغان. بىراق، گېرمانىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋولىفگاڭ كۇبىزتىسكىينىڭ مۆلچەرىچە، ئەركىن دېموكىراتلار پارتىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم قوللىغۇچىلىرى مەزكۇر لايىھەگە قارشى تۇرۇشى مۇمكىنكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号