باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

35 يىل بۇرۇن قازا قىلغان بوۋاق نەتىجىدە چوڭ ئانىسى باشقىلارغا بېرىۋەتكەن بولۇپ چىقتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-16 13:02 4 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شياڭ گۇيچېڭنىڭ ئۆيىدە ئەر-ئايال ئىككەيلەن يانمۇ-يان ئولتۇرغىنىچە، ئۆز ئوغلىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر نەرسە ياكى سۈرىتىمۇ بولمىغان ئەھۋالدا 35 يىلدىن كېيىن بالىسى ھەققىدە قايتا گەپ بولۇنغاندا، بىر خىل ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئېغىز سۈكۈنات پەيدا بولدى. ئۆي ئىچىدىن پەقەت ئىككەيلەننىڭ گەپ ئارىلىقىدا ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چىقىۋاتقان يىغا ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق سادا يوق ئىدى.

35 يىل ئىلگىرى، 18 ياشلىق لى گۇييىڭ چېڭدۇدا ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىنلا، بالىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى بىلدى. بىراق سېستىرا چېن شۇلىن قازا قىلغاندىن كېيىن، شياڭ گۇيچېڭ ئەر-ئايال بۇنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدى. چېن شۇفاڭنىڭ دېگىنى بويىچە، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، شياڭ گۇيچېڭنىڭ ئانىسى ئىككەيلەننىڭ بۇ بالىنى ئېلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن بالىنى ئوغرىلىقچە باشقىلارغا بېرىۋېتىپ، ئۇلارغا بالىنى قازا قىلدى، دېگەنىكەن.

35 يىلدىن كېيىن، ئەينى يىللاردىكى «قازا قىلدى» دېگەن ئوغلى بەلكىم بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككەيلەن بالىسىنى ئىزدەش سەپىرىنى باشلىدى.

تۇغۇلغىنىغا ئۈچ كۈن بولغان بالا تۇيۇقسىزلا «قازا قىلدى».

1982-يىلى، لى گۇييىڭ چېڭدۇ شەھەرلىك 1-ئىشچىلار دوختۇرخانىسى (ھازىرقى چېڭدۇ شەھەرلىك 6-خەلق دوختۇرخانىسى»دا بىر ئوغۇل بوۋاقنى يەڭگىدى. ئەينى ۋاقىتتا بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، دوختۇرلار ئۇنىڭغا بالىنى بىر كۆرسەتكەن ھەمدە ئېنكۇباتورغا ياتقۇزغانىدى. «بالا تۇغۇلۇپ 3 كۈندىن كېيىن، مەن بالامنى كۆرگىلى باردىم، ھەممە ئىشلار شۇنچىلىك نورمال، دوختۇر يەنە ماڭا 2 كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقساق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى»، دېدى، شۇ چاغدىكى ئىشلار خۇددى سۈرەتتەك ئېسىدە قالغان لى گۇييىڭ.

يولدىشى شياڭ گۇيچېڭنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلار بەئەينى سۈرەتتەك ئېنىق ئىدى. بىراق بىردىنبىر ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن يولۇققان ئىشلىرى تۈپتىن ئوخشىمايتتى. «بالا تۇغۇلۇپ 3-كۈنى بولغاندا، دوختۇرخانا ماڭا بالىنىڭ سالامەتلىكى يار بەرمەي، ئارقىدىنلا قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىگە ئېرىشتىم. كېيىن بالام ئاق رەختكە ئورىنىپ، جەسەت كۆيدۈرۈش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلدى، مەن ئەينى ۋاقىتتا 5 يۈەن جەسەت كۆيدۈرۈش ھەققى تۆلىدىم»، دېدى شياڭ گۇيچېڭ. شۇ كۈنى بالىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئايالى ئۈستىدىكى كېسەلخانىدا بولۇپ، پەقەت ئۆزىلا نەق مەيداندا ئىدى.

بىراق ئايالى لى گۇييىڭ بالىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكىگە قاتتىق ئىشىنەتتى. «مەن بالىنىڭ ئېنكۇباتوردا بىر ئوبدان ياتقانلىقىنى كۆرگەن تۇرسام، قانداقسىگە بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئۆلدى، دەپلا ئۆلۈپ كېتىدۇ، مەن نېمىلا دېسە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ھەتتا ئۆلگەن بولسىمۇ، مەن جەسىتىنى كۆرمىدىم».

شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، لى گۇييىڭ ئاۋۋالقىدەكلا ئۆز بالىسىنىڭ ئەينى يىلى ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكىگە ئىشىنىپ كەلدى. بىراق ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل جەرياننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يولدىشى ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قەتئىيلا چۈشىنەلمىگەچكە، كېيىنكى 35 يىل تۇرمۇشى ئىزچىل زىددىيەت ئىچىدە ئۆتۈپ كەلدى. ئۇلار تولا ئايرىلىپ، تولا يارىشىپ، تۇرمۇشتىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. تېخىمۇ يامان يېرى شۇكى، شۇ يىلدىكى تۇيۇقسىز «قازا قىلغان بالا» سەۋەبلىك، ئۇلار ھەتتا پەرزەنتلىكمۇ بولمىدى.

ئەينى يىلى دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان سېسىترا، ئۆزىنىڭ قوشنىسى بولۇپ، 2014-يىلى قازا قىلدى. بۇ يىل مارت ئېيىدا، لى گۇييىڭ يەنە بىر قېتىم «كونا خاماننى سوراپ» بىر دوستى ئارقىلىق چېڭدۇ شەھەرلىك 6-خەلق دوختۇرخانىسىدىن 1982-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:35 مىنۇت ئۆتكەندە تۇغۇلغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى تېپىپ چىقىپ، ئارقىدىن سېستىرانىڭ قىزىنى تاپتى. «چوڭ ئانا ھايات ۋاقىتىدا، مېنىڭ بالامغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىشنى بىلەمتى؟» دەپ سورىغان لى گۇييىڭ ھەققىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئېلىشىپ قالايلا دېدى.

15-سېنتەبىر، مۇخبىر ئەينى يىلدىكى سېستىرانىڭ قىزى ۋاڭ يۈنخۇانى تاپتى، بۈگۈنكى كۈندە قارشى تەرەپمۇ ئىككى چېكىسى ئاقارغان ئايالغا ئايلانغانىدى. ۋاڭ يۈنخۇا ئەينى يىلى ئانىسى چېن شۇفاڭنىڭ دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلگەندە، ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئىش توغرىسىدا سۆزلەپ، «چاڭشىڭ (شياڭ گۇيچېڭنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى)نىڭ بالىسى قازا قىلمىدى، باشقىلارغا بېرىۋېتىلدى»، دېگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

35 يىل ئۆتۈپ كەلدى، قەتئىي ئۈمىد ئۈزمىگەن لى گۇييىڭ ئۇلارنى ئىزدەپ كەلگەندە، ۋاڭ يۈنخۇامۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى شياڭ گۇيچېڭغا ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېسىدە قىلىشىچە، لى گۇييىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، يەرگىلا يىقىلىپ بار ئاۋازىنى قويىۋېتىپ يىغلىغان. بۇ ئىش قايتا تىلغا ئېلىنغاندا، ۋاڭ يۈنخۇا ئۇھسىنغىچە: «مەن ئىزچىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېمىدىم، چۈنكى چاڭشىڭنىڭ ئاپىسى بەكلا جاھىل ۋە كۈچلۈك ئىدى، دېيىشكە پېتىنالمىدىم. ئۇنىڭ بۇ بالىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمىگەچكە، باشقىلارغا بېرىۋەتكەن». بىراق، ئەينى يىلدىكى سېسىترا بىلەن شياڭ گۇيچېڭنىڭ ئانىسى قازا قىلغاچقا، بالىنىڭ كىمگە بېرىۋېتىلگەنلىكى تا ھازىرغىچە بىر سىر ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا لى گۇييىڭ ئانا بولغاندا ئارانلا 18 ياش بولۇپ، شياڭ گۇيچېڭمۇ 20 ياشلار ئەتراپىدىكى يىگىت ئىدى. شياڭ گۇيچېڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ بۇ بالىنى ئېلىشتا قەتئىي قارشى تۇرغانلىقىنى چۈشەندى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەينى يىلى لى گۇييىڭ بىلەن ئىككىسى مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولۇپ، توي خېتى ئالمىغان، دوختۇرخانىمۇ توغرا تۇغۇلۇش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىمىگەن. ئانىسىنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن لى گۇييىڭ سىرتتا ئىجارە ئۆيدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ مۇقىم خىزمىتى بولمىغاچقا، ئىزچىل ئۇلارنىڭ ئىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا بالىنى ئېلىشقىمۇ قوشۇلمىغان. «بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ بوشىنىشتىمۇ، مەن بىر تونۇشۇمنى ئىزدىگەچكە، ھېچقانداق تىزىمغا ئالدۇرمىغان»، دېدى شياڭ گۇيچېىڭ.

بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەر-ئايال بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، مۇخبىر بىر قىسىم مەسىلىلەرنى بايقىدى: «بالا زادى نېمە سەۋەب بىلەن قازا قىلغان؟»، «ئاخىرەتلىك ئىشلىرى قانداق بىر تەرەپ قىلىندى؟»، «شياڭ گۇيچېڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاق رەختە ئورالغان بالا زادى كىم؟»

بىر قاتار مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاتا بولغۇچى شياڭ گۇيچېڭ نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەيلا قالدى. «مەنمۇ ئېلىشىپ كەتتىم، ئۇ ۋاقىتلاردا ھېچنېمىنى ئۇقمىغاچقا، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارمۇ قۇتقۇزالمىدۇق دېگەچكە، مەنمۇ ئىشنىپلا قاپتىمەن، ھازىر ئويلىسام ھەقىقەتەنمۇ پۇشايمان قىلىمەن»، دېدى. ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ پەرزىچە، شياڭ گۇيچېڭ كۆرگەن ئۇ بالا ئالماشتۇرۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئاتا-ئانا ئارزۇسى: بالىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۇنى تاشلىۋەتمىگەنلىكىنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

نۆۋەتتە، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، شياڭ گۇيچېڭ بىلەن لى گۇييىڭ چېڭدۇ شەھەرلىك 6-دوختۇرخانىغا كەلدى. بىراق دوختۇرخانا ئارخىپ ئىشخانىسىدا، لى گۇييىڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دوختۇرخانىدا بوشانغانلىق ماتېرىيالى ھەمدە ئەينى يىلدىكى ئاياللار بۆلۈمى دوختۇرىنىڭ ئۇچۇرىنى يۆتكەپ چىقىشقا ئىمكان بولمىدى. «مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، داۋالاش ئاپپاراتلىرى بۇ ئۇچۇرلارنى ئادەتتە پەقەت 30 يىللا ساقلايدۇ».

بىراق دوختۇرخانىدىكى بىر خىزمەتچىنىڭ دېيىشىچە، دوختۇرخانا دائىم دېگۈدەك پېنسىيەگە چىققان خادىملارنى پائالىيەتكە تەشكىللەيدىغان بولۇپ، ئۇلارغا ياردەملىشىپ، 1982-يىلى ئاياللار بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان دوختۇر، سېستىرالاردىن بۇ ئىش يادىدا بارمۇ-يوق سورايدىغان بولدى. شياڭ گۇيچېڭ بىلەن لى گۇييىڭغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا، بۈگۈنكى كۈندە، بالىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى، ياخشى تۇرۇۋاتقان-تۇرمايۋاتقانلىقىنى بىلىش ھەمدە بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈۋېلىش ئىدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • قۇملۇق قىزى6 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ئانى ئالىسەن مانى ئالمايسەن دىگەن رەزىل ناچار قىينئانىلارنى ئات قامچىسى بىلەن راسا ساۋىسا دەيمەن

  • سەلكىن7 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ئېسسىت نىمىش بۇ ئەمدى ئاتا ئانا بولغان ئادەمگە بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئازاپ بارمۇ

  • ستنساخان7 ئاي ئىلگىرى

    ئەپ،بازرى،ئوتقاشنى،چوشورەي،دگەن،چۇشمدى

  • چالىقۇشى7 ئاي ئىلگىرى

    مىنىمۇ ئانام داداملار پات پات سىزنى بىقىۋالغان دەپ قۇيىدۇ ھازىر ئۇيلىنىپ قالدىم راسلا بىقىۋالغانمىدۇ لىكىن قۇرساق كۇتۇرگەن ئىشلارنى سۇتتىن ئايرىلمىغان ئىشلىرىمنى دەپ بىرىدۇ بۇلمىسا بۇرۇن باشلانغۇچتا ئۇقۇۋاتقاندا ئۇقۇتقۇچۇم ماڭا بەك ئامراقتى مىنى تاشلىۋەتكە دادام ئۇخشايدۇ دەپ قالاتتىم ھازىرم مىنى بىقىۋالغانمىدۇ دەپ ئۇيلاپ قالىمە ئەگەر بالاڭلار بۇلسا ھەرگىز بۇنداق چاقچاقنى قىماڭلار جۇمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号