باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
156مەستانە

دۇنيا تارىخىدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ بەس-مۇنازىرە قوزغاپ كېلىۋاتقان بەدەن ئەزالىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-17 14:00 5 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 16-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانلارنىڭ بىر قىسىمى ھېچقانداق نەرسە قالدۇرماي، ئاستا-ئاستا ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى؛ يەنە بىر قىسىمى قىممەتلىك ماددىي ياكى مەنىۋىي بايلىق قالدۇرۇپ «ئۇلۇغ شەخسلەر» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بەدەن ئەزالىرىنى ئالاھىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا ئايلاندۇرۇپ ئېھتىرام بىلەن مۇئامىلە قىلدى. سۈرەتتە، گالىلېينىڭ قول بارمىقى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇزېيدا يەنە ئۇنىڭ ئىككى بارمىقى بىلەن چىشى بار ئىكەن.

سۈرەتتىكى پىروبىركىدا ئېدىسوننىڭ ئاخىرقى نەپىسى بار. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نەپەسنى ئېدىسوننىڭ ئوغلى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھېنرى فورد مۇزېيىدا مۇھىم كۆرگەزمە بۇيۇمى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا.

ئېدىسوننىڭ ئاخىرقى نەپىسى ئۇنىڭ يېقىن دوستى، داڭلىق ماشىنا سودىگىرى فوردنىڭ ئۆتۈنۈشى بويىچە قالدۇرۇلغان.

سۈرەتتە، پاتولوگ خارۋېي. ئېينىشتىيىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن خارۋېي ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئوغرىلاپ كەتكەن ھەمدە 240 نەچچىگە پارچىلاپ 25 يىلغىچە تەتقىق قىلغان.

خارۋېي «يوقاپ كەتكەن» 25 يىل جەريانىدا ئىزچىل ئېينىشتىيىننىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلغان. ئاخىرىدا، قاتمۇ-قات بېسىملار سەۋەبىدىن بۇ چوڭ مېڭىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ناپالېئون ھاياتىدا نۇرغۇن ئۇتۇق قازانغان. بىراق، ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەدەن ئەزالىرى ھەر يەر-ھەر يەرلەرگە تارقىلىپ كەتكەن، ئاشقازىنى بىلەن يۈرىكى ئىتالىيەلىك كاھىنلارنىڭ قولىغا چۈشكەن.

سۈرەتتە، ۋارساۋ سانتا كىروس چېركاۋى. بۇ چېركاۋنىڭ سول تەرەپتىكى 2-تۈۋرۈكىدە شوپىننىڭ يۈرىكى ساقلاقلىق. 200 نەچچە يىلدىن بۇيان كىشىلەر شوپىننى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق خاتىرىلىمەكتە.

بىراق، شوپىننىڭ يۈرىكىنى باشقىلارغا ئوغرىلاپ كەتمىگەن. ئۇ چەتئەلدە 19 يىل سەرگەردانلىقتا يۈرگەنلىكتىن ۋاپات بولۇش ئالدىدا يۈرىكىنىڭ ۋەتىنىگە قايتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغان.

تۇتاش تەنلىك ئاكا-ئۇكا بونكېرلار 1811-يىلى تايلاندنىڭ سىئام شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، بىر جۈپ ئاچا-سىڭىل بىلەن توي قىلغان. چوڭ بونكېر 63 يېشىدا ۋاپات بولۇپ 3 ئايدىن كېيىن كىچىك بونكېرمۇ ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ ئىككەيلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن كىشىلەر ئۇلارنىڭ بىردىن جىگىرى بارلىقىنى، جىگىرىنىڭ بىر كۆمۈرچەك ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ بۇ تۇتاش جىگىرى ھازىر مات مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شىرىن…1 ئاي ئىلگىرى

    ئىدىسوننىڭ ئاخىرقى نەپسى ئاللىبۇرۇن غايىپ بۇلۇپ كەتكەندۇ

  • سۈبىھىنۇر5 ئاي ئىلگىرى

    تۇتاش تەنلىك ئاكا-ئۇكىلار قانداق ياشىغاندۇ؟بىرسى ئۈلۈپ كەتسە يەنە بىرىنى ساڭگىلىتىپ يۈرگەنمىدۇ؟؟؟

  • پاپاپ5 ئاي ئىلگىرى

    تۇتاش تەنىك ئاكا ئۇكلار قانداق ئاچا سىڭىل بىلەن توي قىلالىغاندۇ ئۇلار بىلەن قانداق بىللە ياتالىغاندۇ دىمەكچى يەنە بىرسى ئۈلۈپ كەتسە بىرسى كۈترۈپ ماڭالىغاندىمۇ ھەي توۋا دىمسە ھە

  • تەقدىر5 ئاي ئىلگىرى

    كارامەت خەقكەن،باشقىلارنىڭ ئەزالىرىنى خالىغانچە يۆتكەپ

  • نۇرداش5 ئاي ئىلگىرى

    ئاخىرقى نەپسىنى ساقلىغان ئەينەك شىشە نەچچە يۈز يىلدىمۇ ھىچنىمە بولمىغانمىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号