باش بەت

ئەخمەتجان

3411يوللانما
55مەستانە

كېسەل بوۋاقنى تاشلىۋەتكەن ئانا: داۋالاتقاندىن يەنە بىرنى تۇغقىنىم ياخشى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-18 18:00 26 ئىنكاس چۈشتى

شىنلاڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئەنخۈي تەيخېدا، 5 ئايلىق بولغان بىر قىز بوۋاقنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆتىنىڭ تۇغما پۈتەي ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. قىز بوۋاينىڭ ئانىسى بالىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن: «پۇل خەجلەپ داۋالاتقىنىمدىن، بىرنى تۇغقىنىم ياخشى» دېدى. كېيىن قىزنى ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بوۋا-مومىسىغا ئاپىرىپ بەرگەندىن كېيىن: «ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلىڭلار، بەك بولمىسا تاشلىۋېتەرسىلەر!» دېدى. بوۋاي بىلەن موماي بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشەلمىغان، بالىنى داۋالاتقۇدەك پۇلىمۇ قالمىغان. ئەمما بۇ يەردە شۇنى دېمەي بولمايدۇكى، ئىنسان تۇغۇلغاندىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا چوڭ بولىدۇ، ئاتا-ئانىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى قۇياشقا ئوخشايدۇ، ھەر دائىم بىزگە ئىللىق نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. ئەمما، بۇنداق پەلسەپەۋى بۈيۈك گەپلەر ئەمدىلا 5 ئايلىق بولغان شياۋ مېڭخەن ئۈچۈن، مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇدۇر. 

2017-يىلى 1-ئايدا، ئەمدىلا تۇغۇلغان شياۋ مېڭخەن تۇيۇقسىز توختىماي يىغلاپ كەتكەن. ئات-ئانىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. دوختۇر ئۇلارغا قىزىنىڭ ئۆتىنىڭ تۇغما پۈتەي ئىكەنلىكىنى، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئوپېراتسىيەگە بەك كۆپ پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان كېيىن، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن. بالىنىڭ ئاپىسى مۇخبىرغا: «بۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغىنىمدىن، يەنە بىرنى تۇغقىنىم ياخشى» دېگەن. 

ئۆت تۇغما پۈتەيلىكى بالىلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان ئەڭ ئېغىر كېسەللەرنىڭ بىرسى، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىن كېيىن، بىر قاتار ئالامەتلەر تۈپەيلى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆت يولى كەمتۈك يېتىلىپ قالىدۇ، بۇنىڭ تەسىرىدە ئۆت سۇيۇقلۇقى بەدەن سىرتىغا راۋان چىقىرىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىدا سېرىقلىقى ئېشىپ كېتىش، جىگەر بىنورمال بولۇش قاتارلىقلار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئۆت تۇغما پۈتەي بولۇشنى داۋالاشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل. ئەمما، ئۆت تۇغما پۈتەي بولۇش كېسىلى بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بوۋاقلارنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. 

شۇنىڭدىن كېيىن، 3 ئايلىق بولغان شيا مېڭخەن شىنجاڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بوۋا-مومىسىغا تاشلاپ بېرىلدى. شياۋ مېڭخەننىڭ ئاپىسى بۇ بوۋاي-مومايغا: «بالىنىڭ كېسىلى ئېغىر، بىزدە داۋالاتقۇدەك پۇل يوق. سىلەرمۇ ئەھۋالغا قاراپ بېقىڭلار، بەك بولمىسا تاشلىۋەتسەڭلەرمۇ مەيلى» دەپ ئەنخۈيگە كېتىپ قالغان. بوۋاي بىلەن موماي نەۋرىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بارمىغان دوختۇرخانا قالمىغان. پات-پاتلا ئۆزلىرىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرىدىغان نەۋرىسىگە قاراپ بەكمۇ ئازابلانغان. «تاشلىۋېتىشكە قانداقمۇ يۈرىكىمىز چىدىسۇن، نېمىلا دېگەن بىلەن بىر جان ئەمەسمۇ» دېدى، بوۋاي بىلەن موماي. ئىككىيلەن ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ نەۋرىسىنى داۋالىتىشنى قارار قىلغان. 

بوۋاي بىلەن موماي بوۋاقنى ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان، بانكىدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى دوختۇرخانىغا خەجلەپ تۈگەتكەن، قەرز ئالغۇدەك ئادەملەردىن قەرز ئالغان. بوۋاي بىلەن موماي ئەسلىدە، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۈنسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىكەن، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەن. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، بوۋاق بۇ قېتىملىق ئۆتكەلدىن تىنچ-ئامان ئۆتۈپ كەتسە، كېيىن يەنە بىر باسقۇچ داۋالايدىكەن، بولمىسا بالىنىڭ ھايات قېلىشىدىن ئۈمىد يوقكەن. 

زور سوممىلىق ئوپېراتسىيە پۇلىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كېسەلنىڭ دەستىدىن قىينىلىپ ئاران قالغان نەۋرىسىگە قاراپ، بوۋاي بىلەن موماينىڭ يۈرىكى پىچاقتا يارغاندەك بولۇپ كەتكەن. ئارىلىقتا، بوۋاي بىلەن موماي بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشقا بىر قانچە قېتىم ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دېرىكىنى قىلالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن،  موماي دوختۇرخانىدا قېلىپ بالىغا قارايدىغانغا، بوۋاي ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانغا كېلىشكەن. بوۋاي بىلەن موماي بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. 

5 ئايلىق بولغان بوۋاق كارىۋاتتا جىمجىت ياتماقتا. سېرىقداپ كەتكەن بەدىنى، بۇلاقتەك كۆزلىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىماي قالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈمىدلىك كۆزلىرى: «موما، مېنىڭ ياشىغۇم بار» دېگەندەك قىياپەتتە مومىسىغا تىكىلەتتى. نەۋرىسىنىڭ تەلپۈنۈش نەزىرى بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىنى كۆرگەن موماينىڭ كۆز چاناقلىرى ئاچچىق ياشقا تولاتتى، پۈتۈن جىسمىدىن ئامالسىزلىق چىقىپ تۇراتتى. ئىككى ئاي بۇرۇن، يەنى بوۋاق 3 ئايلىق بولغاندا، ئاتا-ئانىسى ئۇنى بوۋا-مومىسىغا تاشلاپ بېرىپ ئەنخۈيگە كېتىپ قالدى، شۇ كەتكىنىچە بالىنىڭ ھېچقانداق ئىش بىلەن كارىنى قىلمىدى. بوۋاي بىلەن موماي بارلىقى بىلەن بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ئىككى ئايدىن كۆپرەك بەرداشلىق بەردى، ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. «قەرز ئالغۇدەك ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدىن قەرز ئېلىپ بولدۇق، ئەمدى تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىگە بوي سۇنماقتىن باشقا ئامال قالمىدى» دېدى، بوۋاي بىلەن موماي. 

بوۋاي مۇنداق دېدى: «بالىدا گۇناھ يوق. ئەپسۇس، ئۇ تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلۇپ قالدى». 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەتترگۈل2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ئچم ئاغردى بۇ بالغا

  • akikat3 ئاي ئىلگىرى

    ياردەم قىلايلى ئادىرىسىنى ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار ئىچىم ئاغرىپ كەتتى ،

  • شەھلا4 ئاي ئىلگىرى

    قانداق باغر تاش ئاتا ئانىلاردۇبۇ، ئۆزىنىڭ بالسىنى تاشلىۋتىدغان، مۇمكۇن بۇلسا ياردەم قىلايلى

  • تۈرگۈن4 ئاي ئىلگىرى

    نارسىدىنى قۇتقۇزىۋالايلى، ياردەمنى قانداق يەتكۈزگىلى بولا

  • سۇلايمان4 ئاي ئىلگىرى

    مەن مۇشۋۇبۇۋاق ئۈچۈن ئېيانە يېغېش قىلىشنى ئۈتۈن مەن

  • قوشماق4 ئاي ئىلگىرى

    شۇ ئەمەسمۇ بۇ مويىسپىتلار شىنجاڭدىكەن ئەمەسمۇ، بىزمۇ قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلاتتۇق،ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى دەپ بەسەڭلا تەھرىرلەر،

  • مۇساپىر.4 ئاي ئىلگىرى

    پىكقر بىرىش رايۇنى نىمىشقا ئېچىلمايدىغاندۇ ناۋادا ئېچىلغان بولسا نۇر خەيرى-ساخاۋەت فوندى ناملىق ئىلىكتىرونلۇق فونىد قۇرۇش تىكلىپى بىرەتتىم

  • پىنھان كۆڭۈل4 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بۇۋاققا قاراپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى ، گۇناھسىز كىچىككىنە بىر جان ئەمەسمۇ ،بۇ بۇۋاقنى تاشلىۋەتكەن ئاتا-ئانىنىڭ يۇركى تاشمىدۇ،،،،
    مىنىڭ قىسمەتلىرىممۇ بۇبۇۋاققا ئۇخشاپ كىتىدىكەن ،لىكىن مىنى ئاتا-ئانام چۇڭلارغا تاشلاپ كەتمىگەن ،بەلكى رەھىمسىز تەقدىر بىزنى ئايرىدى !!!،ئاتا-ئانامنى شۇنداق سېغىندىم ،ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ ،يالغان كۇلۇپ ياشاپ كىلۋاتمەن،،سېغىنساممۇ ئامال يوق ،،،،،،،

  • ئابدۇللا كۇچادىكى4 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ ياردەم قىلاتتىم مۇمكىن بوسا تىلفۇن نۇمىرنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلا

  • 130******024 ئاي ئىلگىرى

    ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى تېپىپ يوللىغان بولساڭلار،ئاشۇ ناسىدە بالىغا ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى،مىھىر-مۇھەببىتىمىزنى يەتكۈزسەك بوپتىكەن.نۇرداشلار ئىئانە توپلاپ شۇ بالىنىڭ بوۋا-مومىسىغا يەتكۈزگەن بولساق بوپتىكەن.....

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号